شىكىسپىر ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: "ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ". ئەگەر بىر ئەر كىشىنىڭ قوسىقىغا جىن كىرىپ، سىزگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلماقچى بولسا، ئۇلار ھەرقانچە يۇشۇرسىمۇ بۇ تۆت خىل بىنورمال ئالامەتتىن ساقلىنالمايدۇ.
سىزدىن مەقسەتلىك ھالدا يېراقلىشىدۇ
ئەرلەر ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئايال كىشىگە قارىغانسىرى، ئۇلار شۇنچە چىرايلىق كۆرىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئۇ ئايال كىشىگە يېقىنلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا ئامراقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئەگەر ئەركىشى مەقسەتلىك ھالدا سىزدىن يېراقلاشسا، سىزگە كۆڭۈل بۆلمىسە، بىرگە ماڭغان ۋاقتىڭلاردا ھەتتا سىز بىلەن يانمۇ يان مېڭىشنى خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇ ئۆزى بىلىپ-بىلمەي سىزنى چەتكە قېقىشقا باشلايدۇ.

سىزگە يالغان ئېيتىپ، سىزدىن بەزىبىر ئىشلارنى يۇشۇرىدۇ
ھەممىمىز ئەرلەرنىڭ گەپنى تۈز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە نىمە گېپى بولسا ئۇچۇقلا ئېيتىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئۇلارنىڭ قوسىقىدا جىن چۈشكەن بولسا، ياكى سىرتتا باشقا ئادەم تېپىۋالغان بولسا، بۇنى ئەلۋەتتە ئۇچۇق ئېيتمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار يۇشۇرۇشنى تاللاپ، سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا چىقىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇنى بايقاپ قالسىڭىز، ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ سىزنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. سىزدە ئەمىلىي ئىسپات بولمىسىلا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالا كۆڭۈللىكىنى ھەرگىز ئىتراپ قىلمايدۇ.
ھەدىسىلا ئاچچىقلىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ
مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئەگەر سىز ئەركىشىنىڭ كۆزىگە سىغماسلىققا باشلىسىڭىز، ئۇلار سىزدىن ھەر خىل قۇسۇرلارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ؛ مەسىلەن، بىردەم سىزنى سېمىز ياكى ئۇرۇق دەيدۇ، مائاشىڭىزنى ئاز كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ياكى ئىقتىدارىڭىزنى ئاجىز دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ھەدىسىلا كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ، سىزگە قارىتا مۇھەببىتى قالمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا بۇ خىل ئىپادىلەر كۆرىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار سىزدىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى بىئارام قىلىدۇ.

پۇلىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ
بىر ئەركىشىنىڭ سىرتتا ئاشنا تۇتىۋالغان ياكى تۇتىۋالمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلساقلا كۇپايە. ئەگەر ئۇ ئۆيگە ھېچقانداق پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشىنى سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە ھىسابىنى بىرەلمىسە، بۇنداق ئەھۋالدا شۈبھىسىزكى، ئۇ سىرتتا باشقا بىرسىنى تېپىۋالغان بولىدۇ.
ئەگەر مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئەر كىشىدە بۇ تۆت خىل ئالامەتلەرنى بايقىسىڭىز، بۇ ئۇنىڭدا سىزگە قارىتا مۇھەببەت قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە ئۆتۈشنى ئويلىسىڭىز، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كاللا قاتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.