ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7466:قېتىم كورۇلدى
   نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنگىلىيىلىك "دەرىجىدىن تاشقىرى ئانا" سۇۋ.رادفورد، خان جەمەتى رانكىست كۈتۈنۈش ساناتورىيىسىدە يىگىرمە بىرىنچى بالىسىنى تۇغدى؛ ئەمدى تۇغۇلغان بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3.8 كىلوگىرام كىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بوننىي دەپ ئىسىم قويۇلغان.
    2017-يىلى 9-ئايدا، سۇۋ يىگىرمىنچى بالىسىنى تۇغقاندىن كىيىن، قايتا تۇغمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى؛ بىراق ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ يەنە ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر بۇ يىگىرمە بىرىنچى بوۋاق ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن؛ دەرىجىدىن تاشقىرى ئانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەممە ئائىلە ئەزالىرى سىڭلىمنى بىرىنچى قېتىم قۇچىقىمغا ئېلىپ كۆتۈرىمەن دەپ تالىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ سىڭلىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن رەتكە تىزىلىپ تۇرغان ھالىتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ، ئادەمنى تەسىرلەندۈرەتتى. سۇۋنىڭ ئىرى، 47 ياشلىق نوئىل مۇنداق دىگەن: "بوننىينىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىمىزنى مۇكەممەل قىلدى، بىز ئەمدى قايتا پەرزەنتلىك بولماسلىقنى قارار قىلدۇق؛ ئىشىنىمەنكى، ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ مۇنچە كۆپ بالىسى بار بولۇشىنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ، ئادەتتىكى ئائىلىلەردە ئىككى-ئۈچ پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن توختاپ قالىدۇ؛ بىزمۇ ئىلگىرى ئۈچلا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلاشقان، بىراق يىگىرمە بىرىنچى بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئادىن رەسمى تۈردە توختاپ قېلىشنى قارار قىلدۇق". ئۆتكەن بۇ يىللار مابەينىدە، سۇۋنىڭ ھامىلدارلىق ئومۇمى مەزگىلى 811 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق "كىچىكىپ كەلگەن" قارار، سۇۋنىڭ ئائىلىسە 10 ياتاق ئۆي بار بولۇشىنى پەيدا قىلغان.
    سۇۋ 7 يېشىدا نوئىلنى تۇنجى بولۇپ ككرگەن بولۇپ، 14 ياش ۋاقتىدا تۇنجى بالىسى كىرىستوفىرنى تۇغقان. ئەينى ۋاقىتتا ئىككەيلەن بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا بىرىۋىتىشنىمۇ ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرى بۇ ئويىدىن ۋاز كىچىپ، ئىككىسى بىر ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغان ھەمدە توي قىلغان. سۇۋ 17 ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى بالىسى سوفىينى تۇغۇپ، شۇندىن كىيىن، كەينى-كەينىدىن كىلويى، جېك، دانىيال، لۇك، مىللىي، كاتىي، جامىس، ئېللىي، ئاممىي، جوش، ماكىس، تىللىي، ئوسكار، كاسپىر، خاللىي، فوئىبى، ئارچى ۋە ئەڭ كىچىك بوننىينى تۇغقان؛ 2014-يىلى، بىر بالىسى بەخىتكە قارشى قازا قىلغاندىن باشقا، باشقا بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ساغلاپ ئۆسۈپ چوڭ بولغان.
   سۇۋ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر 240 مىڭ فوندسىتىرلىڭ(تەخمىنەن 217 مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) قىممىتىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ تۇرۇشلۇق ئۆيى ئىلگىرى بىر پاراۋانلىق ئورنى بولۇپ، بولكا دوكىنى ئاچىدىغان ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، 2011-يىلى پۇلىنى تۇلۇق تۆلەپ سېتىۋالغان ھەمدە ھېچقانداق مۇددەتكە بۆلەپ تۆلەيدىغان قەرز بىجىرمىگەن. بالىلىرىنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن، ئەرخوتۇن ئىككەيلەن ھەر ھەپتىسى 300 فوندسىتىرلىڭ(تەخمىنەن 2700يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) چىقىم قىلىپ، يىمەكلىك سېتىۋالىدۇ؛ ھەر كۈنى 10 لىتىر كالا سۈتى، 3 لىتىر مىۋە شەبىتى، 3 قاپ سۇلۇ تابلىتكىسى تۈگەيدۇ. بۇندىن باشقا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم دۆلەت سىرتىغا ساياھەتكە چىقىدۇ؛ ئۇلار ھازىرغا كەلگىچىلىك بالىلار پاراۋانلىقىدىن باشقا، دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ياردەم پۇلى ئېلىپ باقمىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن نوئىل بىلەن سۇۋ ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدۇ.
    ھازىر چوڭ ئوغلى كىرىستوفىر 29 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى مەيسىيمۇ بىر ياشقا كىرىپ يەنە تۆت ئاي ئاشتى؛ چوڭ قىزى سوفىينىڭمۇ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ بولدى. سۇۋ ھازىر بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىدىن ياخشى ھۇزۇرلىنىپ ئۆتۈش قارارىغا كەلگەن ئىدى.

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号