ئەرلەر بۇ بەش خىلدىكى ئاياللاردىن ۋاز كىچەلمەيدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8991:قېتىم كورۇلدى
     مۇھەببەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ نۇرغۇن خىل تۇيغۇسى ۋە مۇھەببەتكە بولغان قارىشى بار بولىدۇ؛ بەزىلارنىڭ مۇھەببىت ئاسانلا دەز كىتىدىغان بولىدۇ، ئەمما كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، يەنە بەزىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم كىلىدۇ. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ئەرلەر بەزى ئاياللار بىلەن نەچچە مىنۇتلا ئۇچرىشىپ ئۇلارنى ئۇنتىيالماس بولۇپ قېلىدۇ؟ يەنەن نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار بىر ئەر كىشىنىڭ يېنىدا نەچچە يىللا تۇرۇپمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈلىنى تۇتۇپ قالالمايدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە، ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئىپادىسى بار ئاياللاردىن ۋاز كىچىشكە كۆزى قىيمايدۇ.
1. بىر ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدىغان ئاياللار
    ئاياللار مەيلى قايسى ياش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولمىسۇن، ئۇلار ئازدۇر-كۆپتۇر يولسىزلىق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق خارەكتىرى بولىدۇ. ئەمما بەزى ئاياللار مىجەز-خۇلقى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىشنى، قارشى تەرەپنى توغرا چۈشىنىشنى، ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاشنى، قارشى تەرەپنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشنى بىلىدۇ؛ ئويلاپ بېقىڭ، ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئاياللاردىن ۋاز كىچىشكە قانداقمۇ كۆزى قىيسۇن؟
2. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولغان ئاياللار
    نۇرغۇن ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن ياكى توي قىلغاندىن كىيىن، تەدرىجى ئۆز ئىگىلىكىنى ياكى باشقا جەھەتلەردە ئالغا ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، خىزمىتى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، ئۇلارنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولۇشى كىرەك؛ چۈنكى مۇستەقىل كۆز قارىشى بار ئاياللار، ئەرلەر زوقلىنىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان ئاياللاردۇر.
3. كۈيۈمچان ئاياللار
    تۇرمۇشتا بولۇپمۇ نىكاھ تۇرمۇشىدا، كۈيۈمچان بىر ئايال كىشى، ئىرىگە ناھايىتى چوڭ قوللاش ۋە ياردەم بىرەلەيدۇ. بۇنداق ئاياللار، ئىرى مەيلى مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا بولسۇن ياكى ئىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ھەمىشە ئۇلارغا ياردەملىشىپ تۇرمۇش جەھەتتىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىشىپ بىرىدۇ.
4. ئاق كۆڭۈل ۋاپادار ئاياللار
    بۇنداق ئاياللار قانداق ئىشلارغا قارىتا بولمىسۇن، ھەممىدە بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك ۋە دوستانىلىق ئۇسۇل بىلەن، بەزىبىر قارىماققا ئاۋارىچىلىق كۆرۈنىدىغان ھەم ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ. مەيلى ئادەملەرگە بولسۇن ياكى شەيئىلەرگە قارىتا بولسۇن، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى ساقلايدۇ؛ ئائىلىسدىكىلەرگە قارىتا بولسا تېخىمۇ ۋاپادار ھەم ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان كىلىدۇ. ئاق كۆڭۈل ھەم ۋاپادار كەلگەن ئاياللار، تۇرمۇش جەھەتتە ئالقىشقا ئىرىشىدىغان ئايال كىشىلەردىن بولۇپلا قالماستىن، مۇھەببەت جەھەتتىمۇ، ئەرلەر ۋاز كىچىشكە كۆزى قىيمايدىغان ئاياللاردۇر.
5. ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە ئىگە ئاياللار
    رىئال تۇرمۇشتا، ھەممىمىز ئاكتىپ ئىنىرگىيىلىك ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە ئاكتىپ ئىنىرگىيىلىك ئادەم ۋە شەيئىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. شۇڭا ھىسى مۇھەببەت تاللاش جەھەتتىمۇ، ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە ئىگە ئاياللار ئەرلەر ۋاز كىچىشكە كۆزى قىيمايدىغان ئاياللار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号