دۇنيادىكى غەلىتە نەرسىلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىدىغان ئادەملەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8031:قېتىم كورۇلدى
     غەلىتە نەرسىلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن تەم سەزگۈسى بىنورمال بولۇش ۋە يىمەك-ئىچمەك ئادىتى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىنتايىن مۇرەككەپ كەلگەن ھەمدە كۆپ خىل كىسەللىكنىڭ تەسىر كۆرستىشىدىن پەيدا بولغان بىر خىل ئونۋىرسال كىسەللىك بولۇپ، بۇ خىلدىكى بىمارلار بەزىبىر غەلىتە نەرسىلەرنى ئۇزۇقلۇق يىمەكلىكى ئورنىدا ئىستىمال قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ خىلدىكى بىمارلار ئۇچۇرىدىن بىر نەچچىنى توپلاپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق، ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
     1. بۇ يىل 92 ياشقا كىرگەن، ھىندىستان كاجرى نۇرپۇردا ياشاۋاتقان موماي سۇداما.دېۋىي، 10 ياش ۋاقتىدا، دوستى بىلەن قۇم يىيىش ئۈستىدە دو تىكىشىپ، ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم قۇم يىگەن؛ بىراق دېۋىي شۇنىڭدىن باشلاپ قۇم يىيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇندىن كىيىنكى 80 يىل مابەينىدە كۈندە بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا قۇم يىيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن؛ قۇم يىيىش بۇ موماينىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ، دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ ساغلام بەدىنىدىن ھەيران قالغان.
     2. "قان شورىغۇچى ئالۋاستى" ئادەتتە كىنو-فىلىملەردىلا كۆرۈلىدىغان ۋەقەلىك، بىراق كىشنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، بۇنداق قورقۇنچلۇق مەۋجۇدات بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ھەقىقى ساقلىنىقلىق ئىكەن. ئامىرىكا "مۇھاجىرلار گىزىتى تورى" خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىنسىفانىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان بىر ئايال، رىئاللىق نەشىرىدىكى "قان شورىغۇچى ئالۋاستى" ھىسابلىنىدىكەن؛ ئۇ ئايال ئادەمنىڭ قېنىنى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىلى 30 يىل بولغان بولۇپ، ھەر ئايدا 1900 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئادەم قېنى ئىچىدىكەن.
     3. ئىككى بالىغا ئانا بولغان ئەنگىلىيىلىك بىر ئايال، ئىلگىرى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بۇلۇت ۋە قۇم يەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئادەت ئۇنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەر كۈنى 20 پارچە بولۇت ۋە نۇرغۇن تەخسە قۇم يەيدىغان قىلىپ قويغان، ئۇ بەزىدە ھەتتا بۇلۇت ۋە قۇمدىن ساندىۋىچ تەييارلاپ يىگەن. گەرچە بۇنداق غەلىتە بىر خىل ئادىتى بولسىمۇ، بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى يەنىلا ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان.
     4. ھىندىستان كانتانا ئۆلكىسىدىكى 30 ياشلىق ئەر كىشى پاككىراپپا.ھۇناگۇندىنىڭ نورمال تائامغا نىسبەتەن "ئىشتىھاسى" يوق بولۇپ، ئۇ ئەكسىچە خىش يىيىشكە ئالاھىدە ئامراق ئىكەن؛ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر ھەر كۈنى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا خىش پارچىسى، لاي-توپا دىگەنلەرنى ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نەرسىلەرنى يىگەندىن كىيىن، ئۇ ھېچقانداق بىئاراملىق ھىس قىلمايدىكەن.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号