جىننىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان ئەڭ غەلىتە 7 ئايال
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9067:قېتىم كورۇلدى

    1. روسىيىلىك گۇنتخېل، بۇ ئايال بەدىئى گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۇ تەنتەربىيە ساھەسىدىن چىكىنگەندىن كىيىنمۇ، ئىزچىل تۈردە ماھارەت كۆرسىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ بەدىنى ئىنتايىن يۇمشاق ھەم ئىلاستىكىلىق كەلگەن بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشلىشى مۇمكىن بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى ساناقسىز كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
    2. ئامرىكىلىق جۇلىيا، ئۇ ئۆز بەدىنىنىڭ %95 قىسمىغا ھەرخىل نەقىشلەرنى چەكتۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئەسلى چىرايىنى كۆرۈش مۇمكىن بولماي قالغان. ئەمىلىيەتتە جۇلىيا تۇغۇلما تىرە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بۇ خىل تىرە كىسەللىكىدە، تىرىسى قۇياش نۇرىغا ئۇچراشسا، ئۆزلىكىدىن كۆيۈپ قاقاچ تۇتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئامالسىز پۈتۈن بەدىنىگە نەقىش چەكتۈرگەن.
    3. ھىندىستانلىق يۇتى.ئامگىر، سىز ئۇنى دەسلىۋىدە كۆرگەندە، ئۇنىڭ بىر كىچىك قىز بالا ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىسىز؛ چۈنكى ئۇ بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 2 ياشلىق بالا بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئاران 65 سانتىمىتىرلا كىلىدۇ. ھازىر جىننىس دۇنيا رىكوتى ئۇنىڭ دۇنيادىكى بەدەن قۇرلۇشى ئەڭ كىچىك ئايال ئىكەنلىكىنى رەسمى تۈردە ئىسپاتلاپ بىكىتىپ بولدى.
    4. روسىيىلىك ئايال فانكىلاتۇۋا، بۇ ئايالنىڭ بوي ئىگىزلىكى 2 مىتىر كىلىدۇ، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقىلا بولسا 1.36 مىتىرغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن پۇت ھىسابلىنىدۇ.
    5. پولشالىق ئايال ئانىتا.فلورزىك، بۇ ئايال ئىلگىرى نەچچە قېتىم جىننىس دۇنيا رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ يۇقىرى خاتىرسى 595 قاداق(تەخمىنەن 270 قاداققا توغرا كىلىدۇ)؛ شۇڭا بۇ ئايال ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئايال دەپ نام ئالغان.
    6. ئامىرىكىلىق ئاشا.ماندىلا، بۇ ئايالنىڭ چېچى ھازىر 17 مىتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئىسپات ماتىرياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئايال ھازىر دۇنيادىكى چېچى ئەڭ ئۇزۇن ئادەم ھىسابلىنىدىكەن.
    7. ئەنگىلىيىلىك ماندى.سىلاس، ئىككى پۇتى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن دۇنياغا داڭ ئالغان؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئېغىرلىغى تەخمىنەن 100 جىڭ ئەتراپىدا كىلىدىغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە توم ھەم چوڭ بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھازىر ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号