قان تۇمۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۈچ خىل يامان ئادەت
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10470:قېتىم كورۇلدى
    ھاۋا بارغانسىرى سۇۋۇپ كىتىشكە باشلىدى، بۇنداق ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر كەچ كىرىشىگىلا پۇت-قوللىرى مۇزلاپ، ھەرقانچە كۆپ كىيىملەرنى كەيسىمۇ پايدىسى بولمىغاندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بۇ بەدىنىمىزدىكى قان تۇمۇرلىرى چىقارغان "ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، قان سۇيۇلىقىنىڭ سۈپىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ساغلام بولۇشى بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشى ۋە ئۆمرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ!
    نۇرغۇن كىشىلەردە بىر خىل خاتا قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنى "ياشانغانلار كىسەللىكى" دەپ قاراشتۇر. ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش بولۇپ، مىڭىگە قان چۈشۈش، مىڭە تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلار ئارىسىدىكى يۈز بىرىش نىسبىتىمۇ تەدرىجى ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
   ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى، بەدەننى ئۇزۇن مەزگىل چەكتىن ئاشقان ھالەتتە ئىشلىتىش قاتارلىقلار بىزنىڭ قان تۇمۇرلىرىمىزنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، 20 نەچچە ياشلىق ئادەم بەدىنىگە بەلكىم 60 ياشلىق قان تۇمۇرلار بىلەن تولغان بولۇشى ياكى يېغىلىپ قۇيۇق چۆكمە ھالىتىگە كەلگەن قان ئەخلەتلىرى تولغان بولۇشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ خىل ناچار ئادەتنىڭ قان تۇمۇرلارغا بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ!
1. ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىماي تۈنەپ چىقىش
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، كىچىسى ئۇخلىماسلىق جىگەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن زىيانلىق؛ جىگەر بولسا ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرنى ھەيدەيدىغان ئەزا بولۇپ، ئۇ يەنە ئەڭ مۇھىم بولغان قان ئەخلەتلىرى مىتابولىزىم سېستىمىسىدۇر. ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئىچىدە نۇرغۇن ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەخلەتلەر ۋە زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلمىگەندە، بۇلار تەبىئىلا نۆكچىنى شەكللەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالمۇ دەل ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىققا ئادەتلەنگەندە، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش خەۋىپى بار بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.
2. ئېغىر تەملىك يىمەكلىك ئىستىمال ئادىتى
    مەيلى تۇزلۇق ھەم مايلىق كەلگەن، زاكاس قىلىپ ئەكەلدۈرگەن تەييار يىمەكلىكلەر بولسۇن ياك مايدا داغلانغان يۇقىرى ياغلىق ئەجنەبىيلەرچە تىز تائاملار ياكى قەنت تەركىبى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى بولغان سۈت چاي ئىچىملىكى بولسۇن، بۇلار ھازىر بىزنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ئېقىمىمىزغا ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتا، ئەمما بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى قان تۇمۇر ساغلاملىقىغا نىسبەتەن "يۇشۇرۇن قاتىل" ھىسابلىنىدۇ.
   قان تۇمۇرلىرى مايلىق ۋە ياغلىق، تۇزلۇق، يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەردىن ئەرڭ قورقىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان بىزنىڭ قالايمىقان يەپ-ئىچىپ، بەدىنىمىزگە كەلتۈرگەن خەۋپ يۇشۇرۇن ئامىللىرى، بىزنى ھامان پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ.
3. ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش
    بەك ئالدىراش ئۆتۈش ياكى بەك ھۇرۇن بولۇپ كىتىشنىڭ ھەر ئىككىسى كىسەللىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ خىزمەت رېتىمى تىز، ۋاقتى جىددى بولغان خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى قورسىقى يوغىناپ كىتىشش ۋە بويۇن ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بىزنىڭ قان ماي تەركىبى ۋە قان قەنت مىقدارى ئىككى ئۆلچەمنىڭ ھەر ئىككىسىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    قان تۇمۇرلار، ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ھالقىلىق قسىم بولۇپ، ئەگەر قان تۇمۇرلار ساغلام بولسا، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش بىمالال ھالەتتە بولىدۇ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان قوغداشقا ئىرىشەلەيدۇ.

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号