بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئاز ئارلىشىڭ !
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8931:قېتىم كورۇلدى

    سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈدىغان ئادەملەر بىلەن ئازراق ئارلىشىڭ، چۇنكى ئۇلار سىزگە خۇشاللىق ئەكىلەلمەيدۇ؛
    ھىلە-نەيرەڭلىرى كۆپ ئادەملەر بىلەن ئازراق ئارلىشىڭ، چۈنكى سىز بۇ ئاق كۆڭۈللىگىڭىزدە ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيسىز؛
    قەدىرىڭىزنى بىلمەيدىغانلار بىلەن ئازراق ئارلىشىڭ، چۈنكى ئۇلار ئەرزىمەيدۇ؛
    سىزگە ئەپلەپ-سەپلەپ مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئازراق ئارلىشىڭ، چۈنكى سىز ئۇلاردىن سەمىمىلىككە ئىرىشەلمەيسىز؛
    يالغان سۆزنى كۆپ سۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەر ئازراق ئارلىشىڭ، چۈنكى سىز ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئالدىشىغا دۇچار بۇلۇسىز؛
    مۇبادا خوشال-خورام تۇرمۇش كەچۈرەي دىسىڭىز، يۇقۇردا ئېيتىلغان كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ. مىننەتدار بۇلۇشنى بىلمەيدىغانلار ھايۋانلاردىن بەتتەر كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ھايات مۇساپىڭىزنى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەن ئاساستا داۋاملاشتۇرۇڭ!
بۇخىلدىكى كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ!
ۋاپاسىز كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ.
    ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللايدىغان كىشىلەر، يېراق تۇرۇشقا تىگىشلىك ئادەملەرنىڭ بىرىنچى خىلى بۇلۇپ، ئۇلار ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدۇ.
يۈزسىز كەلگەن كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ.
   دوستلىرىدىن پۇل سورىغاندا تىزلىنىپ يالۋۇرغۇدەك بۇلۇپ، مەيدىسىگە مۇشلاپ تۇرۇپ ۋاقتىدا قايتۇرىدىغانلىق توغۇرسىدا ۋەدىلەرنى قىلىدۇ؛ پۇلنى قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا قېچىپ، ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كۈرۈشكىلى ئۇنىماي، يۈزسىزلىك قىلىدۇ؛ بۇنداق ئۇياتسىز كىشىلەردىن يېراق تۇرغىنىڭىز ياخشى.
ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ.
    ياردەم قىلغىنىڭىزدا خوشال بۇلىدۇ، ئەگەر ياردەم قىلمىسىڭىز ئۇلار يۈز ئۆرۈيدۇ؛ ئازراقلا مەنپەئەتكە تاقىلىدىغان ئىش بۇلۇپ قالسا دەرھال يۈزىگە قارا سۇۋاپ قوپىدۇ؛ بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئەدەپ –ئەخلاقى يوق كىشىلەردۇر.
ھە دىسىلا باشقىلارنى كەمسىتىدىغانلاردىن يېراق تۇرۇڭ.
    بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدۇ، داۋاملىق ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدۇ؛ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئارزاق پۇل تېپىپ، بىر نەچچە ئەمەلدارلار بىلەن تۇنۇشۇۋالغاندىن كىيىن، ئۆزىنى ھەممە ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھىس قىلىدۇ؛ ئۆزىنىڭ خوشاللىغىنى باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە قۇرىدىغان بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان سالىدۇ؛ ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆز كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، مىننەتدار بۇلۇشنى بىلمەيدىغان كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ.
   بۇخىلدىكى كىشىلەر باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىغىنى ئەزەلدىن ئىسىدە ساقلىمايدۇ، ئەكسىچە بىرەر ئىشنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلالمىسىڭىز ، بۇنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقارمايدۇ؛ دۇستلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خەجلىگەن پۇللىرىغا قارىتا ئازراقمۇ مىننەتدارلىقى بولمايدۇ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشى كىرەك ئىدى دەپ قارايدۇ.
    يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بىر نەچچە خىل كىشىلەردىن دوست تۇتقان بولسىڭىز، كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ يېرىمى دىگۈدەك تۈگەشكەن بۇلىدۇ.
تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەر بىلەن چوقۇم ئارلىشىڭ!
    سىزگە قايىل بۇلىدىغان دوستلىرىڭىز: سىز مەغلۇپ بۇلۇپ ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا، سىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ياردەم قىلغانلار.
    ئاكتىپ ئىنىرگىيىگە ئىگە دوستلىرىڭىز: كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا سىزگە ھەمرا بولغان، ھەم سىزگە تەسەللى بىرىپ پەندى - نەسىھەت قىلغانلار.
    سىزگە توغرا يول كۆرسەتكەن دوستلىرىڭىز: ھېچقانداق بەدەلسىز سىزگە توغرا يول كۆرسىتپ بىرىپ، سىزنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشىڭىزغا ياردەملىشىشنى خالايدىغانلار.
    سىزگە تەنقىدى تەربىيە بىرىدىغان دوستلىرىڭىز: ھەر ۋاقىت سىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان، سىزنى نازارەت قىلىپ، ھاياتلىقتا ئەگرى يوللارغا مېڭىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلار.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号