ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى قايسىلار؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8251:قېتىم كورۇلدى
   بىر ئايال كىشى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىرىنىڭ ئىگىلىگى ناھايىتى گۈللىگەن، ئۆزىنىڭ كۈنلىرى خوشال خۇرام ئۆتىدۇ. بىر كۈنى ئۇ ئىرىنىڭ سىرتتا بىر نەچچە ئاشنا تېپىۋالغانلىغىنى بايقاپ قاپتۇ؛ بۇنىڭغا قارىتا ئىرى ئۇنىڭغا مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: "مەن بۇ ئۆينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، سىزدىنمۇ بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىمەن، لىكىن ھازىر مىنىڭ روھى بېسىمىم ناھايىتى ئېغىر، سىز ماڭا ھەل قىلىشىپ بىرەلمەيسىز، شۇڭا مەن بىر نەچچە ئاشنا تۇتۇپ بېسىمىمنى يىنىكلىتىمەن. "
    ئىرى مۇنداق قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئاخىرقى ئۇلتۇماتۇم تاپشۇرغان تۇرسا، ئۇ ئايال بۇنىڭغا قۇشۇلامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئاجرىشىپ كىتىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويغان .
   بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ پۈتۈن زىھنى ۋە ۋاقتىنى ئائىلىسىگە سەرپ قىلغان ۋاقىتتا، ئۇلار ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ — يەنى ئىرىنىڭ ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن تۇتقان ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. نۇرغۇن نىكاھلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى پۈتۈنلەي ئەرلەرنىڭ سەۋەبى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ ئاياللار ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۆگىنەلمىگەچكە، ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بۇلۇشتىكى "مەبلىغى" دىن ئايرىلىپ قالغان ؛ بىر كىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنىمۇ يوقىتىپ قويسا، ئۇنىڭ يەنە نىمىسى قالىدۇ؟
    تۆۋەندە بىر نەچچە سۇئال بار، ئىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقىڭىز بارمۇ – يوق سىناپ بېقىڭ:
      ①سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى باقالامسىز ؟
      ②ئۆيىڭىزدىكىلەر سىزنى تىلغا ئالغاندا سىزدىن پەخىرلىنەمدۇ؟
      ③بالىڭىز ھەرقانداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، سىزدىن مەسلىھەت سوراشنى خالامدۇ ؟ سىزگە چوقىنامدۇ ؟
      ④ئىرىڭىز ئىقتىسادى ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، سىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ياردەم قىلالامسىز؟
      ⑤ئىرىڭىز مەيلى تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە بولمىسۇن، بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا بىرىنچى بۇلۇپ سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرامدۇ ؟
      ⑥سىزنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئوبرازىڭىز بارمۇ ؟
   ئەگەر بىر ئايال كىشى يۇقىردىكى بىر نەچچە نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا ،چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ .ئاياللار ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيماي قالماسلىقى كىرەك؛ بىر ئايال كىشى قېرىماي گۈزەللىكىنى ساقلايدىغان چىرايغا ھەم بايلىق يارىتالايدىغان ئىقتىدار ۋە ئەقىلگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا، ئىنتايىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ؛ تۇرمۇشقا قايتىپ " نىقاب " ىنى ئېلىۋەتكەندە سىرتقا ئىپادىلىدىغىنى، ئازادىلىك ۋە مۇلايىملىق بۇلىدۇ.
    بىر ئايال كىشى كۆز ئالدىدىكى مۇھىت ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ؛ ئەگەردە ئۆزىنى ئۆزگەرتمىسە، ھاياتلىق بىر نوقتىدا توختاپ قالىدۇ.
       ئۆزىڭىزنى ئايال پادىشاھلاردەك قىلالىسىڭىز، پادىشاھلارنىڭ دىققىتىنى تارتىسىز؛
       ئۆزىڭىزنى مەلىكىلەردەك قىلالىسىڭىز، شاھزادىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىسىز؛
       ئۆزىڭىزنى گۈزەل نازىنىنلارغا ئايلاندۇرالىسىڭىز، قىران يىگىتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىسىز؛
       ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمەي " ئالۋاستى " غا ئوخشىشىپ قالسىڭىز، لۈكچەكلەرنىڭلا دىققىتىنى تارتىسىز؛
   سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قانداق قاتلامغا يەتكۈزسىڭىز، شۇ قاتلامدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىسىز؛ خىزمەتتىمۇ مۇشۇنداق بۇلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋەپىقىيەت قازانغانلار، يەنە بىر مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بەزىلەر " تىرىشىپ خىزمەت قىلغاندىن كۈرە، تىرىشىپ ياخشى ئەردىن بىرىگە تەگكەن ياخشى" دەيدۇ، لىكىن بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئەجىبا "ياخشى ئەرگە تىگىش"، "تىرىشىپ خىزمەت قىلىش" تىن ئوڭايمۇ ؟ سىز باشقىلارغا سىزنى سۆيىدىغانغا ئاساس ھازىرلىشىڭىز كىرەك.
   بۇرۇن بىر ئۇستاز مۇنداق دىگەن: " ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان ئاياللار ھەممىدىن مەغرۇر كىلىدۇ؛ ئاياللارنىڭ مۇنداق ھالەتكە كىلىپ قېلىشىدىن قورقساق بۇلىدۇ: ھاياتى ئاشخانىنىڭ، كىرىمى سودا سارايلىرىنىڭ، پۇل مېلى يوق، خىزمەت نەتىجىسى باشلىغىنىڭ، تېنى ئىرىنىڭ، ۋاقتى بالىسىنىڭ، پەقەت يۈزىدىكى داغ ۋە قورۇقلار ئۆزىنىڭ ."
   شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆزىنى بەكرەك سۆيىشى كىرەك ! ئاياللارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى سۈيۈپ ئاسرىشى، بىر ئۆمۈر تاشلىماسلىققا تىگىشلىك مەسىلە.
   "ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى سۆيۈش دەرىجىسى ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈش دەرىجىسىگە باغلىق" دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەقىللىق ئاياللار ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدۇ؛ ئاياللار ئۆزۈڭلارنى تېخىمۇ ياخشى ئاسراڭلار.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号