ئىشەنچىسىز ئەرلەرنىڭ 6 خىل ئالاھىدىلىكى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7708:قېتىم كورۇلدى
    مەيلى مۇھەببەتلىشىش بولسۇن ياكى توي قىلىش بولسۇن، ئاياللار ئىشەنچىلىك بىر ئەر كىشىگە يولۇقۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەمما ئىشەنچىلىك بولۇش دىگەن بۇ سۆزنى بىر ئېغىز گەپ-سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان بولۇپ، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاندىن بىر ئادەمنىڭ ئىنىق چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.
    بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ئىشەنچىسى ئەرلەردە بولىدىغان 6 خىل ئالاھىدىلىكنى يېغىنچاقلاپ چىقتۇق.
باشقا ئاياللار بىلەنمۇ يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ
    ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ئوبىكتى بار تۇرۇپ، يەنە باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرۈش، پىرىنسىپاللىقىنى يوقاتقان بىر خىل قىلمىشتۇر.
    بۇنداق ئەرلەر ياكى ھىسي كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن تۆۋەن، ياكى ئىچ-ئىچىدىن شاللاق كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئوبىكتىنىڭ خاتا چۈشىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنى كۆپ ئويلاپ كىتىپسىز دەپ، ئۆز قىلمىشىنى تەن ئالمايدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كەلمەيدۇ
    بىر ئەر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش پوزۇتسىيىسىدىن ئۇنىڭ خارەكتىرىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئىشەنچىلىك ئەرلەر ھەممىسى بىرقەدەر ۋاپادار بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا كۆيىنىدۇ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ.
    ئەمما ئاتا-ئانىسىغىمۇ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ئەر كىشىنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۇنداق كىشىلەر ئەتراپىدىكى يېقىن ئادەملىرىگە ئاسانلا ئازاپلىنىش ئېلىپ كىلىدۇ.
ئايالىنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىدىغان ئەرلەر
   كەينىدە غەيۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئەر كىشىلەر كۆپىنچە ئىشەنچىسىز كىلىدۇ؛ ئەگەر تۇرمۇشتا بىرەر ئىشلارغا دۇچ كىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا، بۇنداق ئەرلەرنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى خاتالىقنى ئايالىغا ئىتتىرىش بولىدۇ.
    بۇنداق ئەرلەر سىزنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلار تېخى سىزنى ئۆز-ئۆزىگە ئىش تاپتى دەپ قارايدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە ياشىغان ئاياللارنىڭ كۆڭلى دەرتكە تولىدۇ.
پو ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ
    ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يۈز-ئابرويىنى چوڭ بىلىدۇ، بۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان بىر ئەھۋال؛ ئەمما يۈز-ئابرويىنى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بىلىپ كەتسە، بەزىدە چوڭ گەپلەرنى قىلىپ پو ئېتىپ سالىدۇ.
   ئايلىق مائاشى 5 مىڭ يۈەن بولسا، ئۇلار پو ئېتىپ 10 مىڭ يۈەن دەيدۇ؛ يا ئۆيى يا ماشىنىسى بولمىسا، پو ئېتىپ ئىككى يۈرۈش ئۆيۈم بار دەيدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى شۆھرەتپەرەس كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىغان ئادەم ساختىلىق ئىچىگە پېتىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.
بالىلارغا قارىتا سەۋرچان بولمايدۇ
   ئۆزىنىڭ بالىسىغىمۇ سەۋرچانلىقىنى يوقاتقان ئەر كىشى ئەلۋەتتە ئىشەنچىسىز كىلىدۇ. ئادەتتە ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ئەرلەر چوقۇم ئايالىغا ياردەملىشىپ بالىسىغا قارىشىپ بىرىدۇ، بالىنىڭ تەربىيىلىنىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، ھەرگىز ھەممىنى ئايالىغا تاشلاپ قويمايدۇ.
   بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئەر، ئايال ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا ھەمرا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئائىلە ئاندىن بەخىتلىك ئائىلە بولالايدۇ.
ئايالىنى ئۇرىدىغان ئەرلەر
   ئائىلە زوراۋانلىقى ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىش، زوراۋانلىق ئىدىيىسى بار ئەرلەرگە ھەرگىز ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر توي قىلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭ زوراۋانلىق ئىدىيىسى بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشىڭىزنى راستىنلا ياخشى ئويلىشىپ باقمىسىڭىز بولمايدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر سىز ئۇنداق ئەر كىشىگە ياتلىق بولسىڭىز، سىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشۇڭلاردا زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇنداق ئەرلەرنىڭ "مۇشتى"غا تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى؛  ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاساسلىق بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئېلىپ بارالمىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ بىر ئۆينى بىللە تۇتالايسىز؟

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号