ئاشنا ئوينىسىڭىز مۇشۇنداق تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8777:قېتىم كورۇلدى
    قىزىل يۇلتۇز ئاخباراتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلىدىغان بەزىبىر "ئويلىمىغان يەردىن چىقىدىغان" ۋەقەلىكلەر، تىلىۋىزىيە فىلىملىرى ۋەقەلىكلىرىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، كولۇمبىيىلىك ئايال يېمىينىڭ بۇنىڭغا قارىغاندا تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ بۇ ئايال ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يۇشۇرۇپ كەلگەن توي تۇرمۇشىدىن سىرتقى مۇھەببىتى بۇنداق شەكىلدە ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ يەتمىگەن: نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ ئاشنىسى بىلەن مىھمانخانا ياتىقىغا بارماقچى بولۇپ، توردا تاكسى چاقىرغان؛ ئەمما ئۇ ئاشنىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ توردا زاكاس قىلغان تاكسىغا چىققان ۋاقىتتا، تاكسى شوپۇرى ئويلىمىغان يەردىن ئىشتىن سىرت پۇل تاپقىلى چىققان ئىرى بولۇپ چىقىپ، ئۇ ئىككىسىنى نەق تۇتۇۋالغان.
   ئىرى بار بۇ ئايال—يېمى ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسى جېسسىي، يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاۋاتقان؛ ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنى ئىككەيلەن يۇشۇرۇن ئۇچرىشىپ، توردا تاكسى مۇلازىمىتى زاكاس قىلىپ، خالىراق جايدىكى مىھمانخانىغا بارماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئىككەيلەن قول تۇتۇشۇپ تاكسىغا چىققاندىن كىيىن، ھەر ئىككىسى داڭ قېتىپلا قالغان، چۈنكى بۇ تاكسىنىڭ شوپۇرى دەل يېمىنىڭ ئىرى ئىكەن.
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يېمى ئاشنىسى جېسسىي بىلەن ئۇچرىشىپ، توردا تاكسى چاقىرغان ھەمدە توردىكى تاكسى زاكاس قىلىش ئورنى ئەۋەتمەكچى بولغان ماشىنا ئۇچۇرلىرىنى ئالاھىتەن بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىپ، كەلمەكچى بولغان تاكسى شوپۇرى لىئوناردونىڭ ئۆزلىرى تۇنۇمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن زاكاسنى بىكىتكەن. ئەمما رىئاللىق ھەقىقەتەن "تاساددىبىلىق"لارغا تولغان بولۇپ، بۇ تاكسى يېمىي ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسى جېسسىي بار يەرگە كەلگەندە، تاكسى شوپۇرى لىئوناردو بولماستىن بەلكى يېمىنىڭ ئىرى بولۇپ چىققان.
   ئەسلىدە يېمىينىڭ ئىرى بىلەن ئەسلى تاكسى شوپۇرى لىئوناردو يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ئۇ كۈنى يېمىينىڭ ئىرى دوستى لىئوناردونىڭ ماشىنىسى ۋە تور ھىسابات نۇمىرىنى ئارىيەت ئىلىپ، كەچ تەرەپتە كۆپرەك پۇلغا ئىشلىۋالماقچى بولغان؛ نەتىجىدە بۇ قېتىملىق ھەجۋى ۋەقە يۈز بەرگەن.
    نەخ مەيداندىكىلەرنىڭ دىيىشىچە، يېمى ئاشنىسى بىلەن تاكسىغا چىقىپ، شوپۇرنىڭ "تۇنۇش" ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان؛ كەينىدىنلا ئۈچەيلەن كوچىدا پومىداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەن.
  ئەنگىلىيە "مىترو گىزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قالغىنى، ئەمىلىيەتتە لىئوناردو بولۇپ، ئۇ ھىسابات نۇمىرىنى باشقىلارغا ئارىيەت بىرىپ شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، تاكسى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسىغا ئۇچرىغان؛ يېمىينىڭ ئىرىمۇ شىركەت تەرپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان شوپۇر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. بۇندىن باشقا ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېمىينىڭ ئىرى ۋە لىئوناردو سالونلاردا ماقالە ئوقۇش بىلەن بولۇپ كىتىپ، ھەمىشە ئىلاننى چىكىپ قويۇشنى ئونتۇپ قالىدىغان بولغاچقا، بۇنداق كاج تەلەي بولۇپ قالغانىكەن.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号