سائەتلىك تىزلىكى 300 كىلومىتىر؟ بۇ ۋەلىسپىتمۇ ياكى تىز پويىزمۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7601:قېتىم كورۇلدى
   "سۈرئەت ۋە ھىسيات" نى مۇسابىقە ماشىنىلىرىغىلا تەئەللۇق دەپ قالماڭ! ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا" گىزىتىنىڭ 19-سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا 45 ياشلىق ئامىرىكىلىق ۋەلىسپىت مىنىش ماھىرى دەننىس.مۇللىر.كورىنىك، ئامىرىكا بوننىۋىل تۇزلۇق سېيىدا، ھەر سائەتلىگى 183 ئىنگىلىز چاقىرىملىق(تەخمىنەن 296 كىلومىتىرغا تەڭ) ھەيران قالارلىق سۈرئەت بىلەن، ساقلىنىپ كىلىۋاتقىلى 23 يىل بولغان قۇرۇقلۇقتا ۋەلىسپىت مىنىش تىزلىكى دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
 
   يېقىندا، ئامىرىكا يوتا شىتاتىنىڭ بوننىۋىل تۇزلۇق سېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۈرئەت مۇسابىقىسىدە، دەننىس دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. يۇقىرى سۈرئەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەننىس كەسپى مۇسابىقە ئاپتومبىل ماھىرى شىي.ھولبىرۇك.چورلىي بىلەن ھەمكارلاشقان. مۇسابىقە جەريانىدا، شىي قۇيرۇق قىسمىدا شامال توسۇش تاختىسى بولغان تۈز سىزىق بويىچە تىزلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك مۇسابىقە ئاپتومبىلى ھەيدەپ، ئارغامچىدا سۆرەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دەننىسنىڭ قوزغىلىشىغا ياردەم بەرگەن؛ ئاپتومبىل قوزغالغاندىن كىيىن، دەننىس ۋەلىسپىتنىڭ پىدالىنى تېپىش بىلەن بىرگە تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ بەرگەن؛ كەينىدىن شىي ھەيدىگەن مۇسابىقە ئاپتومبىلى سۈرئەتنى تەدرىجى ئاشۇرۇشقا باشلىغان؛ مۇسابىقە ئاپتومبىلى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەر سائەتلىكى 110 ئىنگىلىز چاقىرىملىق(تەخمىنەن 161 كىلومىتىر) سۈرئەتكە يەتكەندە، دەننىس ئارغامچىنى قويۇپ بىرىپ، ۋەلىسپىت بىلەن مۇسابىقە ئاپتومبىلىنى ئايرىۋىتىشى كىرەك بولۇپ، ئۇندىن كىيىن دەننىس داۋاملىق ۋەلىسپىتنىڭ پىدالىنى تېپىش ئارقىلىق ئۇنى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتكە يەتكۈزۈشى كىرەك ئىدى. دەننىس ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى سۈرئەتكە يەتكەندىن كىيىن، شىي قايتىدىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ۋەلىسپىتنىڭ سۈرئىتىنى ھەر سائەتلىكى 110 ئىنگىلىز چاقىرىملىق سۈرئەتكىچە ئاستىلىتىپ بىرىشىدىكەن، بۇنىڭدا دەننىس ئاندىن بىخەتەر ھالدا توختىيالايدىكەن.
   مۇسابىقىدىن كىيىن دەننىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ دەسلەپكى نىشانى ھەر سائەتلىكى 175 ئىنگىلىز چاقىرىملىق(تەخمىنەن 282 كىلومىتىر) سۈرئەت بولۇپ، ئەمما ئۇ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ بارغاندا ئۆزىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ھەر سائىتىگە 183 ئىنگىلىز چاقىرىملىق(تەخمىنەن 296 كىلومىتىر) تىزلىككە يەتكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ۋەلىسپىتنى سۆرەپ قوزغىتىشقا مەسئۇل بولغان مۇسابىقە ئاپتومبىلى مۇسابىقە مەيدانىدا سۈرئەتنى ئاشۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى سەكرىتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ كەلگەندە يەر يۈزىدىن بوقسىغان تۇز توزاڭلىرى ئۇنىڭ گېلىنى پۈتۈنلەي توسۇۋالغان ئىكەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىلگىرىكى رىكورتىنى ساقلىغۇچى گوللاندىيىلىك ۋەلىسپىت مىنىش ماھىرى فىرەد.رومپىلبېرگ بولۇپ، ئۇ 1995-يىلى ھەر سائەتلىكى 167 ئىنگىلىز چاقىرىملىق(تەخمىنەن 269 كىلومىتىر) رىكورت ياراتقان.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号