ئەرلەرنىڭ بۇ خىلدىكى يالغان سۆزلىرى، سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7755:قېتىم كورۇلدى
 
1. "سىز ھەر قانچە سېمىز بولسىڭىزمۇ، مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىسە

    گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېمىزلىكنى گۈزەللىك ئۆلچىمى قىلسىمۇ، ئەمما ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك ھالىتى دەپ قارايدۇ؛ گەرچە ئەرلەر ئېغىزىدا قانچە سېمىز بولسىڭىزمۇ مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە يەنە ئازراق ئۇرۇق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايدۇ.
    ئەمما سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى سىزنىڭ سېمىزلىكىڭىزدىن بىزار بولمايدۇ، پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەرلەرلا سىزنى ئۇرۇقلاڭ دەپ تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
 
2. "سىز ھەممىدىن چىرايلىق" دىسە

   ئاياللار ئەرلەردىن سوراشقا ئەڭ ئامراق كىلىدىغان سۇئاللارنىڭ بىرسى "ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزدىن قايسىمىز چىرايلىق" دىگەن سۇئال بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بۇنىڭغا جاۋاپ بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىرىنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاش مەقسىتىدە، بىلىپ تۇرۇپ يەنە سورايدۇ.
    گەرچە ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنى "ئەلۋەتتە ئۇ چىرايلىق" دىگەن جاۋاپ بولسىمۇ، ئەمما سىزنى پەپىلەپ خۇشال قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا سىز ھەممىدىن چىرايلىق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
 
3. "پۇل قالمىغان بولسىمۇ، سىز ئۈچۈن يەنىلا قورقماي خەجلەش كىرەك" دىسە

    بىر جۈملە سۆز مۇنداق ئېيتىلغان: سىز ئۈچۈن پۇل خەجلىگەن ئەر كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، ئەمما سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى چوقۇم سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيماي قالمايدۇ.
   بەزى ۋاقىتلاردا بەزىبىر ئەركىشىلەر ئۆزىنىڭ قولى خېلى قىسقا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا سىزنى خۇشال قىلىشنى ئويلايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار "ھېچقىسى يوق، خالىغانچە خەجلەڭ"دىگەن ۋاقتىدا، ئۇلار ئەمىلىيەتتە چوقۇم قولى قىسقا ھەم يۈرىكى ئاغرىۋاتقان بولىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 
4. ئىچىدە تىت-تىت بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئېغىزىدا يەنىلا سەۋرچانلىقىنى بىلدۈرسە

    ئاياللارنىڭ ئېغىزىدىكى ئاتالمىش بىر مىنۇت بەلكىم ئون مىنۇت بولۇشى مۇمكىن، "بىردەمدىلا" دىگەن ۋاقىت بەلكىم يېرىم سائەت بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى سىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشنى خالايدۇ.
    گەرچە ئۇ كۆڭلىدە سىزنى تىزراق بولۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلسىمۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭدىن سورىغان ۋاقىتتا، ئۇ پەقەت "مەن بىردەملا ساقلىدىم، ئالدىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئالدىراش يوق" دەپلا جاۋاپ بىرىدۇ.
 
5. يالغانلاردىن چوڭ سۈپەت بولىۋىلىپ،سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوغۇل دوستىڭىز بارلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە

    ئەر كىشى بەزىدە يۈزىنى ئاۋايلاپ، كۆڭلىدە گەرچە بىئارام بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، يالغاندىن چوڭ سۈپەتلىكنى دورۇپ، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوغۇل دوستىڭىز بارلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   بىراق سىزمۇ تۇنۇپ يىتىشىڭىز كىرەككى، ئۇ دەل سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوغۇل دوستىڭىز بار بولغانلىقىدىن كۆڭلى بىئارام بولىدۇ؛ ئۇ سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزگە قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بولغاچقا، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزدە ئاخىرغىچە سىزگە ھەمرا بولۇشنى ئويلايدۇ.
 
6. كۈندەشلىك قىلماي، ئەكسىچە سىزنى مەپتۇن قىلىش سىھرىي كۈچىگە ئىگە دەپ قارىسا

    ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئايالىنىڭ  يات جىنىسلىق دوستلىرىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كىتىشىدىن خاپا بولىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ئايالى ئۇلاردىن خاپ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار "خاپا بولمايمەن، بۇ سىزنىڭ مەپتۇن قىلارلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
    بىراق ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە كۈندەشلىك ئوتلىرى يالقۇنجاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت سىزگە ئەينەن ئېيتىشتىن خىجىل بولغان بولىدۇ.
 
7. سىز يولسىزلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، سىزگە يول قويسا

    ھەممەيلەن ئاياللارنى ئۆزگىرىشچان جانلىق دىيىشىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى خۇددى دېڭىز تىگىدىكى يىڭنىگە ئوخشاش بولۇپ، پەرەز قىلىپ تاپقىلى بولمايدۇ؛ ئەمما سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشى سىزگە يول قويۇشنى خالايدىغان بولۇپ، مەيلى سىز قانداق تەلەپ ئوتتۇرغا قويماڭ، ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە سىزنى رازى قىلىشنى ئويلايدۇ.
    ئۇ گەرچە كۆڭلىدە سىزنى يولسىزلىق قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلسىمۇ، ئەمما سىزنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا "ھېچقىسى يوق، سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
 

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号