قوي گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ۋە پايدىلىق تەرەپلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 49134:قېتىم كورۇلدى
    قوي گۆشى تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكتۇر. قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئادەتتە قوي گۆشى ۋە ئۆچكە گۆشى دەپ ئايرىلىدۇ.
    قوي گۆشى سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەم بەدەنگە قوۋۋەت تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكىچە بولغان سۇغۇقتىن يۆتىلىش، ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، سۇغۇق ۋە كەم ماغدۇرلىقتىن كىلىپ چىققا زىققا كىسىلى، باھ ئاجىزلاپ جىنسى ئىقتىدار چىكىنىش، قورساق قىسىم مۇزلاش، بەدەن ئاجىزلاپ سۇغۇقتىن قورقىدىغان بولۇپ قېلىش، بەل پۇتلىرى سىقىراپ بوشىشىش، چىرايى سارغىيىپ قېلىش، كىسەلدىن ساقايغاندىن كىيىنكى ياكى تۇغۇتتىن كىيىنكى كەم ماغدۇرلۇق قاتارلىقلارغا قارىتا داۋالاش ياكى ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، قىش پەسلىدە ئىستىمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  羊肉
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  mutton
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    قوي گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، باھ ئاجىز كەلگەنلەر، بەل پۇتلىرى سىيقىراپ ماغدۇرسىز ھىس قىلىدىغانلار، قورساق قىسمى مۇزلاپ ئاغرىيدىغانلار، كەم ماغدۇر كەلگەن ئادەملەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوي گۆشى يەپ بەرسە پايدىلىق بولىدۇ.
    ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گىرام قوي گۆشىنىڭ تەركىبىدە 22.2 گىرام ئاقسىل، 5.8 گىرام ياغ، 1.1 گىرام مىنرالنى ئىلمىنىت، 2 گىرام ئەركىن ھالەتتىكى ئامىنو كىسلاتا، 5.39 گىرام گىلۇتامىك كىسلاتا، 3.04 مىللىگرام تۆمۈر، 3.61 مىللىگىرام سىنىك بار. يۇقىرقىلاردىن باشقا ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ترېئونىن، ۋالىن، مىتئونىن، ئىزولىيتسىن، فىنىل ئالانىن، لېسىن كىسلاتاسى، تىرىپتوفان، لىۋىتسىن قاتارلىق 8 خىل ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ ( خەنزۇچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى : 八种人体必需氨基酸) مىقدارى، ھەر 100 گىرام قوي گۆشى تەركىبىدە جەمئى 11.57 گىرامغا يىتىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
    1. قوي گۆشىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش، جىگەرگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، تۇغۇتتىن كىيىنكى قان ئازلىق كىسىلى، ئۆپكە تۇبىركۇلىيىزى، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، گلاۋكوما(青光眼) قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالاشقا قارىتا ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
    2. قوي گۆشى يۇمشاق پىشىدىغان بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ؛ قوي گۆشىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
   3. جۇڭگۇ تىبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، قوي گۆشىنىڭ تەبىئى مۆتىدىل بولۇپ، باھنى قۇۋۋەتلەش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار ئىكەن؛ شۇڭلاشقا كۈز قىش پەسلىدە قوي گۆشىنى كۆپلەپ يەپ بەرگەندە، سۇغۇقتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەنگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   4. قوي گۆشىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۇ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ببۇندىن باشقا قوي گۆشى يەنە ئاشقازان ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىش ئىنىزىمىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان دىۋارىنى قوغداپ ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدىكەن.
قوي گۆشى بىلەن ئۆچكە گۆشىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
    1. گۆشنى تۇتۇپ باقساق، قوي گۆشى قولغا چاپلىشىدۇ، ئۆچكە گۆشى بولسا قولغا چاپلاشمايدۇ.
    2. ئەگەر گۆشكە چاپلىشپ قالغان قوي يۇڭى بار بولسا، ئۇنىڭىغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلساق، ئادەتتە يۇمشاق ئەگمەچ ھالەتتە بولسا قوينىڭ يۇڭى بولىدۇ، دىمەك گۆشمۇ قوي گۆشى بولىدۇ؛ ئەگەر قاتتىق ھەم تىكەندەك تۈز كەلگەن بولسا بۇ ئۆچكە يۇڭى بولىدۇ، گۆشمۇ ئۆچكە گۆشى بولىدۇ.
    3. گۆشنىڭ تالا سىزىقچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، قوي گۆشىنىڭ تالا سىزىقچىلىرى ئىنچىكە ھەم قىسقا كىلىدۇ؛ ئۆچكە گۆشىنىڭ بولسا تالا سىزىقچىلىرى توم ھەم ئۇزۇن كىلىدۇ.
    4. قۇۋۇرغا سۆڭىكىگە قارايمىز. قوي گۆشى بولسا قۇۋۇرغا سۆڭىكى تار ھەم قىسقا كىلىدۇ؛ ئەگەر ئۆچكە گۆشى بولسا، قۇۋۇرغا سۆڭىكى كەڭ ھەم ئۇزۇن كىلىدۇ.
   ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆچكە گۆشى شورپا قاينىتىش ۋە كاۋاپ پىشۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خولىستىرىن ۋە ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ئىشلەپ چىقىرىلغان.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号