كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدىغان مەنىلىك رەسىملەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7306:ئادەم ئۆگەندى
-1-
     تۇرمۇشتا نۇرغۇن بېسىملار ۋە غەم-ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ئادەمنىڭ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر تاماكا چىكىشنى تاللايدۇ؛ تاماكا چىكىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تاماكا چىكىشنىڭ ئەمىلىيەتتە ئاستا خارەكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇ خۇددى پىلتىسىگە ئوت يېقىلغان پارتلاتقۇچ دورىسىغا ئوخشايدۇ؛ ئۇنىڭ پىلتىسى توختىماي كۆيۈۋاتقان بولۇپ، پىلتىسى كۆيۈپ تۈگىگەندە قانداق نەتىجە كىلىپ چىقىدىغىنىنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا تاماكىنى تاشلاڭ ياكى ئىمكان قەدەر ئاز چىكىڭ، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!
-2-
    ھازىر، بالىلارنىڭ نەتىجىسى چوڭلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ ھەر قېتىم، بالىلارنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولالماي قالغان ۋاقىتتا، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىبلەپ دۈشكەللىشىگە ئۇچرايدۇ. ئاتا-ئانىلار بەلكىم بۇنى بالىلارغا ياخشى بولسۇن دىگەنلىك دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى دىگەن گەپلەرنىڭ بالىلارغا خۇددى باشقىلار پىشانىسىگە مىلتىق تەڭلەپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەيدۇ؛  ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا گەپ قىلىش، تەربىيە بىرىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىر يەنە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بۇ ئۇسۇلدا تەربىيە بىرىپ بالىلىرىنىڭ روھى بېسىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سەۋەپلىك ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بەزى نەتىجىلەر كىلىپ چىقماقتا.
-3-
    ھازىر ھەممە ئادەم يانفوندىن ۋە سىمسىز توردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى؛ مەيلى قەيەردە ياكى قايسى ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئاۋال سىمسىز تورنىڭ مەخپى نۇمىرىنى سورايدۇ. كىشىلەر ھازىر بۇ خىل تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان بولۇپ، ئەگەر يەنە مۇشۇ تەرىقىدە كىتىۋەرسە، ھامان بىر كۈنى يەرگە يېقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق ئاغرىغۇدەك يېقىلىدۇ. بەلكىم ئاشۇ ۋاقىتقا بارغاندا ئاندىن ئايرىلىش ۋە ئايرىلماسلىق دىگەنلەر بولماسلىق مۇمكىن!
-4-
قار ئادەم يۇيۇنۇۋاتقان ۋاقىتتا، سۇ ئۇنىڭ كاللىسىنى بىۋاستە تىشىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ قار ئادەم ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيلا قالماي، يەنە ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۋالدى. تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇپ، باشقىلار قىلغاندا ناھايىتى ياخشى كۆرۈنگەن بىر ئىشنىڭ سىزگىمۇ ماس كىلىشى ناتايىن؛ شۇڭلاشقا ھەدىسىلا باشقىلارنىڭ قەدەملىرىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالماڭ، بولمىسا ئۆزىڭىز بولالمايلا قالماي، يەنە ئۆزىڭىزگە زىيان ئەكىلىشىڭىز مۇمكىن.
 

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号