دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ پۇلدار ئايالنىڭ يولدىشى ئەسلىدە تاڭ راھىبى ئىكەن!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7934:قېتىم كورۇلدى
    تاڭ راھىبى دىگەن بۇ ئىسىم ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق دەپ ئويلايمەن؛ "غەرپكە ساياھەت" فىلىمىدىكى تاڭ راھىبىنىڭ بىزگە بىرىدىغان بىرىنچى تەسىرى—ئىنتايىن قاملاشقان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە 1986-يىلى تۇنجى قويۇلغان "غەرپكە ساياھەت" فىلىمىدىكى تاڭ راھىبىنىڭ رولىنى جەمئى ئۈچ ئارتىس ئوينىغان؛ بۇ ئۈچ ئارتىسنىڭ ئىچىدىكى چى جۇڭرۈي ئۇستازنى بەلكىم كۆپچىلىكنىڭى ھەممىسى تۇنۇيدۇ، ئەمما بۈگۈن مىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم، چى جۇڭرۈي ئۇستاز بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئايالى چېن لىخۇا خانىم.
    بۇ ئايالغا كەلسەك، ئۇ ھەرگىز ئادەتتىكىچە ئايال ئەمەس؛ ھەتتا دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى باي (ئىلگىركى) ۋاڭ جىيەنلىنمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ. چېن لىخۇا خانىم ئىلگىرى 50مىليارد 500مىليۇن يۈەنلىك مال-مۈلكى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى مال-مۈلۈك قىممىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ پۇلدار ئايال سانالغان بولۇپ، ئۇ چى جۇڭرۈي ئۇستازدىن 11 ياش چوڭ؛ بۇ ئىككەيلەن 1990-يىلى توي قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ نىكاھىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ دەپ قارىغان.
    ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن، چى جۇڭرۈي ئۇستاز ئايالىنىڭ ناررا دەرىخى(紫檀) ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن، تەدرىجى ھالدا كىنو-فىلىم ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقىپ، چېن لىخۇا خانىمنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە ھەمرا بولغان. بۇنىڭغا قارىتا چېن لىخۇا خانىم مۇنداق ئېيتقان: 30 يىللىق ناررا دەرىخى ئويمىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ھاياتىم گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئەمما بەخىتكە چۆمگەن؛ بۇ جەرياندا ناررا دەرىخىنىڭ ھەمرالىقى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، مىنىڭ زىتەن ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكۈم بولدى.
    بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قاتناش قوراللىرىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. چېن لىخۇا خانىم ئولتۇرىدىغان ماشىنا، 3 مىليۇن يۈەن قىممىتىدىكى مىرسېدىس S65AMG بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزاسىدۇر.
   تاڭ راھىبى چى جۇڭرۈي ئۇستازنىڭ ئولتۇرىدىغىنى بولسا ۋولۋو s80L بولۇپ، كۆزگە چېلىقمايدىغان ئەمما ھەشەمەتلىكى باشقا ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلاردىن قېلىشمايدىغان ماشىنىدۇر. بۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە 350 مىليۇن يۈەن قىممىتىدىكى خۇسۇسىي ئايرۇپىلانى بار.
   ئۇلارنىڭ بۇ خۇسۇسىي ئايرۇپىلانى جاۋ بېن شەننىڭ خۇسۇسىي ئايرۇپىلانىغا قارىغاندا 100 مىليۇن يۈەن قىممەت بولۇپ، بۇنىڭدىن چىن لىخۇا خانىمنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز كۆچىگە تايىنىپ شۇنچە چوڭ ئىگىلىك يارىتىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە قايىل قىلىدۇ.
    ئاخىرىدا چى جۇڭرۈي ئۇستاز بىلەن ئۇنىڭ خانىمى چېن لىخۇا خانىمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号