مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى—گەپ بولسا ئۇچۇق دىيىش!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8465:ئادەم ئۆگەندى
    ئادەتتە ئەر-ئاياللار مۇھەببەتلىشىشىدە ، مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھالەت بار
    20% ئەرلەر ئايالىنىڭ(ياكى قىز دوستىنىڭ) نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلاپ قالغىنىنى بىلەلمەيدۇ؛ قالغان %80ئەرلەر بولسا ئايالىنىڭ(ياكى قىز دوستىنىڭ) ئاچچىقىلىنىپ قالغىنىدىن ئەسلا خەۋەرسىز.
    پىسخىلوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا پىكىرلىشىش ئۇسۇلى، تۇيغۇ، تۇنۇش ۋە ئىنكاس قاتارلىق جەھەتلەردە ماھىيەتلىك پەرق بار ئىكەن. ئەرلەر ئىدراكلىق جانلىق، مەسىلىگە يولۇقسا نىسبەتەن سۇغۇققانلىق بىلەن، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئويلىنىدىكەن؛ ئاياللار بولسا ھېسياتچان جانلىق بولۇپ، كۆپىنچە ھېسيات جەھەتتىكى ئېتراپ قىلىش ۋە ئىچكى دۇنياسىدىكى ھىس تۇيغۇسىغا كۆپرەك ئىتىبار بىرىدىكەن.
    نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر خەۋەر كۆردۈم: بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۇچرىشىپ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، قىز دوستى تۇيۇقسىز بىر ئېغىز "پۇلنى تەڭ تۆلەيلى" دەپتۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ ئويلانماستىنلا "ماقۇل" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
   بۇ خەۋەردىكى ئاخىرقى نەتىجە، قىز ئوغۇل دوستىنىڭ جاۋابىدىن نارازى بولۇپ، ئاچچىقىدا ئايرىلىپ كىتىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ؛ ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى بىر كۈن بولغاندىمۇ، قىز دوستىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ قالغىنىنى بىلەلمەپتۇ. 
    كىشىلەردە مۇنداق بىر ئېغىز سۆز بار: بىر ئەر كىشنىڭ سىزنى سۆيىدىغان سۆيمەيدىغىنىنى، ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەشتىكى پوزۇتسىيىسىدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان خەۋەردىكى قىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانكى، ئۇ ئوغۇل دوستىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، تاماق پۇلىنى تەڭ تۆلەيلى دىگەندە، ئوغۇل دوستى راستىنلا ماقۇل دەپ جاۋاپ بەرگەن؛ بۇنىڭدىن ئۇ قىز ئوغۇل دوستىنى مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ چۈشىنىۋالغان. ئەمما ئوغۇل دوستىنىڭ قارىشىچە بولسا پۇل خەجلەش مەسىلىسىدە بۇنداق ئىنچىكە ھىسابلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، شۇڭا قىز دوستى تاماق پۇلىنى تەڭ تۆلەيلى دىگەن ئىكەن، ئۇمۇ قىز دوستىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دىگەن، ئەمما بۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان.
    ئەر، ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى تەپەككۇر جەھەتتىكى پەرق ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ئەرلەر ئاياللارنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان، ھەسەلنىڭ قىلىنى خىللايدىغان كىلىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى ۋە ھىسياتنى كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى تۆۋەن دەپ قارايدۇ.
    نۇرغۇنلىغان ئاشىق-مەشۇقلار دەسلەپكى سۆزلەشمەيدىغىنى قالماسلىقتىن، ئاخىرىدىكى سۆزلەشكىلى گەپ قالماسلىققا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. ئەر، ئاياللار ئوتتۇرسىدا قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدۇ، ئەمما بىز ئۆز-ئارا قانداق پىكىرلىشىشنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.
     شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى—گەپ بولسا ئۇچۇق دىيىش دەيمىز.
    بىز ھەمىشە ھەممە ئىشلارنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمىز؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، ئەگەر بىز ئېيتمىساق، ھېچكىم بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ. ئاياللار راستىنلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان، ھەسەلنىڭ قىلىنى خىللايدىغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۇلارنى كۆپ ئويغا سالىدۇ. چۈشىنىش ۋە پىكىرلىشىش بولمىغان مۇھەببەت ئۆز-ئارا تېپىشماق تېىپىشىپ ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. بىرسى قولىقىنى ئىتىۋىلىپ ئاڭلىمايدۇ، بىرسى جېنىنىڭ بارىچە ۋاقىراپ شەرەت قىلىدۇ؛ ماسلىشىشچانلىقى ياخشىراق كەلگەنلىرى تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ بىر نەچچىنى تاپالايدۇ، ئەگەر تاپالمىسا ئۆز-ئارا ئەيىبلىشىپ بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
   مۇھەببەت كۆڭۈل بىرىشتىن باشلىنىدۇ، ئەمما مۇھەببەتنى ھەرگىز خاتا چۈشەنچە سەۋەپلىك ئاياغلاشتۇرۇپ قويماڭ. ھەمشە ئىرىڭىزنى ( ياكى ئوغۇل دوستىڭىزنى) ھەممىنى بىلىدۇ دەپ قارىۋالماڭ؛ ئۇ بەزىدە راستىنلا نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەيدۇ، كۆڭلىڭىزدىكىنى قورقماي ئوتتۇرغا قويۇڭ؛ ئەگەر قارشى تەرەپكە ۋاقىتدا ئىنىق بىلدۈرۈمىسىڭىز، سىز بەلكىم ئەپسۇسلىنارلىق ھالدىكى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭىز مۇمكىن.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇچۇق ئۇنىڭغا ئۇچۇق ئېيتىڭ! ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، "مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دەڭ؛ ئۇنى سېغىنسىڭىز، "مەن سىزنى سېغىندىم" دەڭ؛ قۇچاقلىغۇڭىز بولسا، قوللىرىڭىزنى ئېچىپ ئۇنى قۇچاقلاڭ؛ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ئاددىيراق بولسا ئەجىبا تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ؟

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号