دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز ئايال كىيىم مودىلى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7711:قېتىم كورۇلدى
    ئادەتتە خەلقئارالىق داڭلىق كىيىم مودىللىرىنى تىلغا ئالساق، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا چوقۇم پۇتلىرى ئۇزۇن كەلگەن، بەللىرى ئىنچىكە نازىنىن ئاياللار كىلىدۇ؛ چۈنكى كىيىم مودىللىرى ساھەسىدىكى ئايال مودىللار ئاساسەن شۇنداق بولىدۇ. ئەمما سىز بەلكىم بىلمەيسىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا "ئالاھىدە مەۋجۇدات" ھىسابلىنىدىغان بىر خەلقئارالىق ئايال كىيىم مودىلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى تېس. ھولىداي، ئۇ "ئېغىر دەرىجىلىكلەر" تۈرىدىكى كىيىم مودىلى، چۈنكى ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 200جىڭدىن ئېشىپ كىتىدىكەن.
    تېس بۇيىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئامىرىكىدا تۇغۇلغان؛ ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 164سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 117 كىلوگىرام كىلىدىكەن. ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بويىچە ئالغاندا، تېسنىڭ مەيلى بوي ئىگىزلىكى بولسۇن ياكى بەدەن ئېغىرلىقى بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپتىن كىيىم مودىلى بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ؛ ئەمما ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى تېس كىيىم مودىلى بولۇپ، سەھنىگە چىقىپلا قالماي، ئۇ يەنە 《 Vogue  ژورنىلىنىڭ باش بېتىگە چىققان.
    ئۇ يەر شارىدىكى تۇنجى بولۇپ ئاساسلىق ئېقىمدىكى ۋاستىچى شىركەت بىلەن توختاملاشقان چوڭ نۇمۇرلۇق مودىل؛ ئۇ 2011-يىلى بىر تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرپىدىن تاللىنىپ تۇنجى بولۇپ،《 Vogue  ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا رول ئالغان. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ "چولپان" تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ نام قازىنىشى ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان تۈس ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجە قازىنىش جەريانى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە تولغان.
    تېس كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا سېمىزلىكى سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئاز ئۇچرىمىغان بولۇپ، 15ياش ۋاقتىدا كىيىم مودىللىقا سىناق سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا باشقا ماھىرلار ئۇنى "سېمىز ھەم پاكار" دەپ مازاق قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ كىيىم مودىلى بولىمەن دىيىشى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك دىيىشكەن. ئەمما كىچىكىدىنلا جاھىل ھەم قەيسەر كەلگەن تېس ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن ۋاز كىچىپ باقمىغان.
    ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە نىشانغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق روھىغا تايىنىپ، تېس ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ھازىر نام قازىنىپ، قەرەلسىز ھالدا ھەر خىل ژورناللار ۋە T سەھنىسىگە چىقىپ، خەلقئارالىق داڭلىق كىيىم مودىلىغا ئايلاندى. تېسنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە تور بىكىتىدە 310مىڭدىن ئارتۇق مەستانىلىرى بار بولۇپ، ئۇ مەيلى قانداق سورۇنلاردا پەيدا بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ ئۇنى نۇرغۇن ئاياللار ئۈچۈن ئۆلگە بولالايدۇ دىگەن قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە تېسنىڭمۇ كىلىشكەن ئوغۇل دوست تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号