بوللىۋود فىلىملىرى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ھەممىدىن بەك تۇنۇشلۇق، بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە 2017-يىل ئاخىرى ۋە بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى بوللىۋود فىلىملىرىدىن بىرنەچچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
"ھاجەتخانا قەھرىمانى"

خەنزۇچە ئىسمى : 厕所英雄
بۇ فىلىمغا شىرى.نارايان.سىڭ رىژىسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئاكشاي.كۇمار بىلەن بۇمى.پېدنىكار فىلىمنىڭ ئەر، ئايال باش رولىنى ئوينىغان؛ بۇ فىلىم ھىندىستان ئاياللار ھوقۇقى تېمىسىدىكى فىلىم بولۇپ، بۇمى.پېدنىكار رول ئالغان كىلىن، ئاكشاي.كۇمار رول ئالغان باش پىرسوناژ كەيسافقا ياتلىق بولغاندىن كىيىن، ئۆيدە ھاجەتخانا بولماسلىق سەۋەپلىك ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ھەمدە ئاخىرىدا بىر مەيدان ئاياللار ھاجەتخانىسى"ئىنقىلابى" كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
بۇ فىلىم 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ھىندىستاندا ئېلان قىلىنغان؛ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ، ھازىر تېڭشۈن قاتارلىق كىنو-فىلىم تور بەتلىرىدە قويۇلۇۋاتىدۇ.
"سىرلىق چولپان"

خەنزۇچە ئىسمى: 神秘巨星
ئامىرخان باش رول ئالغان بۇ فىلىمدە، ھىندىستانلىق قىز ئىشيانىڭ كەمسىتىش ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئارمانلىرىنى قوغلىشىشتا چىڭ تۇرغانلىق ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ.
بۇ فىلىم 2017-يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى ھىندىستاندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان؛ بۇ فىلىم دۆلىتىمىزدە قويۇلغاندىن كىيىن، ئامىرخاننىڭ ئالدىنقى نادىر ئەسىرى " چېلىشايلى، دادا !" ناملىق فىلىمدىن كىيىن، دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم زور ئالقىشقا ئىرىشكەن.
"ۋەھشى يولۋاس ھەرىكەتتە" ئىككىنچى بۆلۈم

خەنزۇچە ئىسمى: 猛虎英雄传 2
ئىشىنىمەنكى، سالمانخان بىلەن كاترىنا.كەيف باش رول ئالغان "ۋەھشى يولۋاس ھەرىكەتتە" ناملىق فىلىم كۆپچىلىككە تونۇشلۇق؛ بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ھىندىستاندا تۇنجى قويۇلغان؛ ئىككىنچى بۆلۈمدە بىرىنچى بۆلۈم ئاياغلاشقان ۋاقىتتىن نەچچە يىل كىيىنكى ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى بۆلۈمدىمۇ يەنىلا سالمانخان بىلەن كاترىنا، ئەر، ئايال باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئوينىغان. كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلار بەيدۇ تورىدىن ئىزدىسەڭلار، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تاپالايسىلەر!
" SunJu "


خەنزۇچە ئىسمى: 一代巨星桑杰君
بۇ فىلىم 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندىستاندا تۇنجى بولۇپ قويۇلغان بولۇپ، بوللىۋد كىنو چولپىنى رانبىر.كاپۇر باش رول ئالغان. بۇ فىلىمدا ھىندىستان ئاتاقلىق كىنو چولپىنى سانجۇ.داتىر(桑杰·达特) نىڭ رىۋايەت تۈسى ئالغان كەسپى ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.
"باشلىنىش نوقتىسى"


خەنزۇچە ئىسمى: 起跑线
ئىرفانخان ۋە سابا.كامار رول ئالغان بۇ فىلىمدە ئوتتۇرا بۇرژازىيە سىنىپىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بالىسىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلىنىشكە ئىرىشىپ، ھاياتلىق يۇقىرى نوقتىسىغا يىتىشى ئۈچۈن، پۈتۈن زىھنىنى سەرپ قىلىپ مەكتەپ تاللىشى ھەققىدىكى ھىكايە سۆزلەنگەن.
بۇ فىلىم 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ھىندىستاندا تۇنجى قويۇلغان بولۇپ، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلىتىمىزدە تۇنجى قويۇلغان. بۇ فىلىم تېڭشۈن قاتارلىق كىنو-فىلىم تور بەتلىرىدە قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، پەرزەنتلىك ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.
"ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە" ئۈچىنچى بۆلۈم

خەنزۇچە ئىسمى: 3生死竞赛
"ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە" فىلىمىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بۆلۈملىرى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق؛ ئۈچىنچى بۆلۈمدە سالمانخان باش رول ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىم 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستاندا تۇنجى قويۇلدى، ئەمما دۆلىتىمىزدە قايسى ۋاقىتتا قويۇلۇشى نۆۋەتتە ئىنىق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ فىلىمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستلارنىڭ ھەر ۋاقىت توردا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم بولىدۇ.