كۆممىقوناق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كىلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9202:قېتىم كورۇلدى
      پىشىرۇلغان كۆممىقوناق يىيىشنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما قانداق قىلغاندا كۆممىقوناقنى تېخىمۇ تاتلىق ھەم تەملىك قىلىپ پىشۇرغىلى ۋە ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈش مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
كۆممىقوناقنى تەملىك پىشۇرۇشتىكى 3خىل چارە
     كۆممىقوناقنى پىشۇرۇشتىن ئاۋال، بۇ ئۈچ ئىشنى قىلسىڭىز، پىشۇرغان كۆممىقونىقىڭىز تەملىك بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
1. كۆممىقوناق پوستىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، سۇ تەركىبىنى ساقلايدۇ
     كۆممىقوناقنى قازانغا سېلىشتىن بۇرۇن، سىرتىدىكى پوستىنى سويىۋىتىپ، ئەڭ ئىچىدىكى ئىككى قات پوستىنى قالدۇرۇپ قويىسىز.
     ئىچىدىكى ئىككى قات پوستىنى قالدۇرۇپ قويغاندا، پىشىرۇش جەريانىدا كۆممىقوناقنىڭ تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئۇزۇقلۇق چىقىپ يوقاپ كەتمەيدۇ ھەمدە ئاسان پىشىدۇ.
2. پىشىرۇشتىن ئاۋال سۇدا يۇيۋەتسىڭىز، تېخىمۇ تەملىك پىشىدۇ.
     سىرتقى پوستلىرىنى سويىۋەتكەندىن كىيىن، نىپىز ئىككى قەۋەت پوستى قالدۇرۇلغان قوناقنى سۇغا چىلاپ، قۇرت يىگەن ئىزنالار بارمۇ يوق تەكشۈرىمىز؛ كەينىدىن قوناق ساقىلىنى ئېلىۋىتىپ، پاكىزە يۇيىمىز.
3. تۇز ۋە سودا قوشساق، تېخىمۇ تاتلىق پىشىدۇ.
    قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا تۇز ۋە سودا قوشقاندىن كىيىن سۇنى قاينىتىمىز. سۇ قايناپ چىققاندىن كىين كۆممىقوناقنى سېلىپ پىشۇرىمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، تۇز ۋە سودا قوشقاندا كۆممىقوناقنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە قوناق تەركىبىدىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرۋىتىپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

كۆممىقوناقنىڭ ھەممە قىسمى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە
     كۆممىقوناقنىڭ ھەر بىر قىسمىنىڭ ئۆزىگە خاس روللىرى بار بولۇپ،تۇرمۇشتا نۇرۇن پايدىلىق ئىشلىتىلىشچانلىقى بار.
 1. قوناق ساقىلى تىرە قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ
     قوناق پىشۇرغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر قوناق ساقىلىنى تاشلىۋىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ئۈنۈملىرى بار.
     ياز كۈنلىرى رىئاكسىيە خارەكتىرلىك ئەكىس تەسىر كۆپ كۈرلىدىغان بولۇپ، تىرىمىز بەزىدە قىچىشىپ توختىمايدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆممىقوناق ساقىلىنى سوقۇپ، قىچىشقان جايغا سۈرۈپ بەرسەك قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ.
2. كۆممىقوناق دانىچىسى
چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
      كۆممىقوناق دانىچىسى تەركىبىدىكى ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن E، گىلۇتامىك كىسلاتا قاتارلىقلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە تىرىنى سىلىق ھەم يۇمران قىلىدۇ.
      ئەڭ مۇھىمى، كۆممىقوناق دانىچىسى قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تىرىنى ئاسراش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
 
ئۈچەينى تازىلاپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ
      ياز كۈنلىرى ئادەم بەدىنىدە ھەر تۈرلۈك زەھەرلىك ماددىلار كۆرلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەم ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ؛ ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆممىقوناق يىيىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
     كۆممىقوناق تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىسى ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىپ لۆمۈلدىشىنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خولىستىرىن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەيدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى تىزلىتىدۇ.
3. كۆممىقوناق پوستى
     كۆممىقوناق پوستىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تالا ماددىسى، كىراخمال ۋە ئاقسىل بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە يۇقىرى ئىلاستىكىلىققا ئىگە كىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك كۆممىقوناق پوستىنى تازىلىغۇچى قورال قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ماي قالدۇقلىرىنى تازىلاش
     كۆممىقوناق پوستىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك كەلگەن تازىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاچا ياكى قازانلارنى يۇيساق ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ھەم باكتىرىيەلەر قىلىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولمايدۇ.
يىمەكلىكنىڭ قازانغا چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    ئادەتتە ئۆيدە موما ياكى مانتا پىشۇرغان ۋاقتىمىزدا، قاسقان يۈزىگە بىر قەۋەت كۆممىقوناق پوستى سېلىۋەتسەك، يىمەكلىكنىڭ قاسقانغا چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号