مۇھەببەت ئۈچۈن پادىشاھ جەمەتى نەسەبىدىن ۋاز كەچكەن مەلىكە!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8081:قېتىم كورۇلدى
    چەتئەل تورى 12-ئاۋغۇست تىلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا، ياپۇنىيە مەلىكىسى شۈەن زى، ئاددى پۇقرا سالاھىيىتىدىكى بولغۇسى يولدىشى مورىيا خۇي بىلەن 12-ئاۋغۇست كۈنى، توكيو ئاكاساكادىكى گاۋيۈەن قەسىرىدە، "چاي ئىچكۈزۈش"گە ئوخشىشىپ كىتىدىغان تويلۇق قۇبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، توي كىلىشىمى رەسمى بىكىتىلدى؛ ئىككەيلەن بۇ يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى توكيودىكى مىڭجى ئىلاھى سارىيىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، تويدىن كىيىن، مەلىكە شۈەن زى پادىشاھ جەمەتى سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاددى پۇقرا سالاھىيىتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
    تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ياپۇنىيە فاڭ سۇڭ جەمئىيىتى (NHK)نىڭ خەۋرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، مورىياخۇينىڭ ھاۋالە قىلغان تۇققىنى كوندو، گاۋيۈەن قەسىرىگە قۇدىلىشىش تەكلىۋى قويۇش ئۈچۈن كەلگەن؛ گاۋيۈەن قەسىرىنىڭ قۇبۇلخانىسدا مەلىكە شۈەن زى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە قۇدىلىشىش تەكلىۋى قويۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەر تەرەپ ۋەكىلىنى ساقلىغان.
    تويلۇق قۇبۇل قىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، مەلىكە شۈەن زى بىلەن مورىيا گاۋيۈەن قەسىرىنىڭ ئىچكى قىسىم ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق، بۇ قېتىملىق مۇراسىم ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يېزىق شەكىلدە ئېلان قىلغان. شۈەنزىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بۇ قېتىملىق تويلۇق قۇبۇل قىلىش مۇراسىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغان؛ مورىيا بولسا، ھەر كۈنى تەقدىر ئاتا قىلغان بۇ غەنىمەتتىن مىننەتدار بولۇپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    مەلىكە شۈەن زى بۇ يىل 27 ياش بولۇپ، ياپونىيە ساماۋى پادىشاھى ئاكىخىتونىڭ نەۋرە ئىنىسى گاۋيۈەنگۇڭ ئىنانچىخانى (2002-يىلى، 48 يېشىدا قازا قىلغان) بىلەن ئاغىچىسى جىيۇ زىنىڭ ئۈچىنچى قىزى. مەلىكىنىڭ بولغۇسى ئىرى بولسام بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن مورىيا خۇي بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ كىمە تىرانسىپورت شىركىتى—ياپونىيە پوچتا كىمىسى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. ئۇلار 2017-يىلى 12-ئايدا جىيۇ زى ئاغىچىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئارقىلىق تۇنۇشقان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يېغىنى چاقىرىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号