ئەنسىرمەڭ، ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9010:قېتىم كورۇلدى
     ئەنسىرمەڭ! ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتىدۇ. تەقدىر ھەممە ئادەمگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئۇ سىز ئۈچۈن بىر ئىشىكنى ئىتىۋەتكىنىدە، سىز ئۈچۈن چوقۇم يەنە بىر دەرىزە ئېچىپ بىرىدۇ. مەيلى قانچىلىك ناچار بىر نەرسە بولىشىدىن قەتئىنەزەر، دۇنيا ئۇنىڭغا تەئەللۇق بىر ئورۇن بىرىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ دۇنيادا ھامان سىزگە تەئەللۇق بولغان بىر جاي بولىدۇ، ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇش، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يىڭىپ چىقىشتىكى بىرىنچى قەدەم.
    ھەرگىز پۇشايمان قىلماڭ! ھەممە ئادەم خاتالىشىدىغان ۋاقىت بولىدۇ، دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ، شۇڭلاشقا خاتالىشىپ قالسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماڭ؛ پۇشايمان قىلغاندىن ئىبرەت ئالغان ئەۋزەلدۇر. پۇشايمان ئادەمنىڭ زىھنىنى خورىتىدىغان كەيپىياتتۇر، پۇشايمان بولسا ئەكەلگەن زىياندىنمۇ چوڭ زىياندۇر، خاتالىقتىنمۇ چوڭ بولغان خاتالىقتۇر. جاسارەت بىلەن ئىشلەڭ، خاتالىق كىلىپ چىقىشىدىن قورقۇپ ئولتۇرماڭ، چوڭ ئىشلار بولۇپ كەتمەيدۇ، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەر بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق بىر خىل ئۆسۈپ يىتىلىش ھىسابلىنىدۇ.
    كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ! تۇرمۇش گۈزەللىكلەرگە تولغان بولىدۇ. ئۇنچە ئۇزۇن بولمىغان كىشىلىك ھايات يولىدا، ھەممە ئادەمنىڭ ئازاپلارغا تولغان دەرتلىرى بولىدۇ؛ ئازاپلانغان، ئۇۋالچىلىق تارتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا، يىغلىۋىلىڭ! ئەمما يىغلاپ بولۇپ، يۈزلىرىڭىزنى يۇۋىتىپ، ئۆزىڭىزگە بىر كۈلكە ھەدىيە قىلىڭ، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىغا ئۆزىڭىز ئىگە بولۇڭ.
    ئۈمىدسىزلەنمەڭ! پۇرسەت يەنە كىلىدۇ؛ ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلالايدۇكى، چۈنكى شۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئۈزۈل-كىسىل ھالەتتە ۋەيران بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولىشى؛ بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلىغى بولسا، ئۈمىدۋار بولۇشى. تۇرمۇشتا نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قاقشاپ ئاغرىنىپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا تىرىشىڭ. باتۇر كىشىلەر پۇرسەتنى يارىتىدۇ، نادان كىشىلەر پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ؛ ئەگەر ئاسماندىن ئالتۇن چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ، بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ تۇرغان ئادەمنىڭ ئالدىغا چۈشىدۇ.
    ۋاز كەچمەڭ! پەقەت سىز بوشىشىپ كەتمىسىڭىزلا ئۈمىد بار بولىدۇ؛ ھاياتلىقتا ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك بولمىغاندىن ئاسانلا ۋاز كىچىشتۇر. سىز ھېچقانداق نەرسىگە ئىرىشەلمىسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدنى يوقىتىپ قويماڭ. ھاياتلىقتا تاللىسىڭىز بولمايدىغان بىر يول بار، ئۇ بولسىمۇ ۋاز كىچىش يولىدۇر؛ رەت قىلىشقا بولمايدىغان بىر يول بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈپ-يىتىلىش يولىدۇر.
    ئاچچىقلانماڭ! تۇرمۇشتا سىزنى ئازاپقا قويىدىغان كىشىلەر ھامىنى بولىدۇ، ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ. ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىغانغا باراۋەر؛ چىداپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز، ھەممە ئىش ئورنىغا كىلىدۇ؛ بىر قەدەم چىكىنىپ بەرسىڭىز، ئازادىلىك سىزگە ھەمرا بولىدۇ. كەڭ قورساقلىق، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشتىكى كۆۋرۈكتۇر؛ ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھى كەيپىيات كەڭ قورساقلىقتىن كىلىدۇ، چوڭ سۈپەتلىكتىن كىلىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشتىن كىلىدۇ، دۇنيا تالاش-تارتىشلىرىغا قىزىقماسلىقتىن كىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号