يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالسا، قانداق ئىشلار يۈز بىرىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8066:قېتىم كورۇلدى
    بىز ئىنسانلار ياشاۋاتقان يەر شارىدا، ھازىر گەرچە ھەردائىم بەزىبىر تەبىئى ئاپەتلەر يۈز بىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا يەنىلا ئىنسانلانىڭ ھاياتلىق كەچۈرىشىگە ماس كىلىدۇ؛ بۇلارنى ئاساسلىقى يەر شارىنىڭ مۇقىم بولغان يانتۇ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش نەتىجىسىدە، تۆت پەسىلنىڭ شەكللىنىشىنىڭ تۆھپىسى دەپ مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇبادا يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن ئىككى سىكونت توختاپ قالسا قانداق ئىشلار يۈز بىرىدۇ؟
    ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر ئادەتتكى تۇرمۇشىدا، يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىدىن بىردەم توختاپ قالسىلا، قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ھەر سائەتتە 1670كىلومىتىرغا يىتىدۇ؛ ئەگەر يەرشارى بۇ خىل تىز سۈرئەتتە ئايلىنىۋىتىپ تۇيۇقسىز 2 سىكونت توختاپ قالسا، يەرشارىدىكى ئىنسانلار قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟
    ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىپ قالسا، يوقىتىش خارەكتىرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ. چۈنكى يەرشارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن توختاپ قالغان ۋاقىتتا، ئاتمۇسفىرا قاتلىمى داۋاملىق ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدىغان بولۇپ، زور كۆلەملىك ئۆلۈپ كىتىش ھادىسىسى پەيدا قىلىدۇ؛ ئىككى قۇتۇپ رايونىدىكى شەيئىلەر ھەرىكىتى كۆرنەرلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئادەم خۇددى ئېتىلىپ چىققان ئوققا ئوخشاپ قالىدۇ، ئەگەر كۈچلۈك شامالغا يولۇقۇپ قالسا، ئىنسانلار ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تىز سۈرئەتتە دومىلاپ كىتىۋاتقان ئوت چۆپلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، ھەم يول بويى ئۇچرىغان ھەرقانداق جىسىمنى ۋەيران قىلىپ ماڭىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ خىلدىكى كۈچلۈك شامالنىڭ سۈرئىتى ئىنتاتىن تىز بولۇپ، يادرو پارتلىشى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى چاپقۇن تىزلىكىگە يېقىنلىشىپ قالسا، بۇ ئەھۋال پۈتۈن يەرشارى خارەكتىرلىك بوران-چاپقۇن پەيدا قىلىدۇ، شامال پەيدا قىلغان سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئۆزىلا زور كۆلەملىك ئوت كىتىش ۋە چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ جەرياندا يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانىمۇ يوقاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار يۇقىرى رادىئاتسىيىلىك مۇھىت ئاستىدا قالىدۇ. بۇلار گەرچە ئاڭلىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇقتەك بىلىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى نۆلگە چەكسىز يېقىنلاشقان بولىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا يەرشارى مۇكەممەل بولغان شارسىمان ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن، ئېكۋاتۇر يېرىلىشقا باشلاپ، دېڭىز-ئوكيانلار قۇرۇغلۇققا چىقىپ، زور كۆلەملىك گىئولوگىيىلىك ئاپەت يۈز بىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئامالى بولمايدۇ، بەلكىم دەل شۇۋاقىتتا ھاۋدىكى ئايروپىلان ئىچىدىكى ئادەملەرلا نىسبەتەن بىخەتەر بولۇشى مۇمكىن. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بارغانسىرى ئازلاپ، قۇياش بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ قالىدىغان ھادىسە كۆرلۈپ، يەرشارىنىڭ ھەر بىر جايلىرىدا پۈتۈن كۈندۈز ياكى پۈتۈن كىچە بولىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
    ئامىركىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر سىز يەر شارىنىڭ كەڭلىك سىزىقىنى بويلاپ ئالدىڭىزغا ماڭسىڭىز، قۇياشنىڭ تەدرىجى ئۆرلەۋاتقان ياكى تەدرىجى پېتىپ كىتىۋاتقان ھالىتىنى كۆرىسىز، بۇ خۇددى بىز بىر جايدا تورۇپ ئادەتتىكى بىر كۈندىكى كۈن چىقىشنى ياكى كۈن پېتىشنى كۆرگەن ھالەتكە ئوپمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋال گەرچە ناھايىتى سىرلىق بىلىنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى قورقۇنچلۇق كىلىدۇ؛ چۈنكى ئىنسانلار بۇنداق بىر كۈن يىتىپ كەلسە نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىشىنى پەرەز قىلىپ يىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
    يۇقارقىلار گەرچە بىر پەرەز بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزگە بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، ھازىر گەرچە ئىنسانلار پەن-تېخنىكا جەھەتتە زور دەرىجىدىكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىز تەبىئەتنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئامالسىز ھەم ئاجىز كىلىمىز.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号