"ھايۋان" كەبى دادا ئۆز قىزلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7520:ئادەم ئۆگەندى
    ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گىزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە كۈن ئىلگىرى روسىيەنىڭ موسكوۋا شەھرىدە بىر قاتىللىق دىلوسى يۈز بەرگەن؛ بىر ئەر كىشى ئۆز ئۆيىدە بەدىنىنىڭ نەچچە يىرىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن، لىكىن قاتىللىق قىلغۇچى بۇ ئەرنىڭ ئۈچ قىزى ئىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن بايقىشىچە، بۇ ئەر كىشى ئۆز قىزلىرىغا ئۇزۇن مەزگىل جىنسى تاجاۋۇزلۇق ۋە خورلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۈچ ئاچا-سىڭىل بۇ ئازابلارغا چىدىماي، ئاخىرى ئۆز دادىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.
   بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن مىخالكاچاتۇئىن بويتاق دادا بولۇپ، ئايالى ئۇزۇن يىل ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ مىخالكاچاتۇئىن بولسا، 19 ياشلىق قىزى كىرىستىنا، 18 ياشلىق قىزى ئانجىلىنا ۋە 17ياشلىق كىچىك قىزى مارىيەلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. بۇ ئۈچ ئاچا-سىڭىل ناھايىتى چىرايلىق كەلگەن گۈزەللەردىن بولۇپ، كۆرنۈشتە ئاددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھەقىقى ئەھۋال ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى.
   مىخالكاچاتۇئىن ئەمىلىيەتتە بىر "ھايۋان"كەبى ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ كونتىرول قىلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك، خورلاش ئادىتى بار؛ ئۇندىن باشقا يەنە زەھەر چىكىدىغان، قارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى. ئۇ ئادەتتە ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا قىزلىرىنى ئۇرۇپ دۈشكەللەيتتى، ئۇنىڭ ئايالىمۇ بۇ خىلدىكى خورلاشلارغا چىدىمىغانلىقتىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
   ئەمىلىيەتتە مىخالكاچاتۇئىننىڭ يەنە بىر ئوغلى بار بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى؛ بىراق ئوغلى 16 يېشىدىلا دادىسى تەرپىدىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. ئۈچ قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بۇ جەرياندا، مىخالكاچاتۇئىن ئۆيىگە سۈرەتلىك نازارەت قىلىش ئاپپاراتى ئورنىتىپ، قىزلىرىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى نازارىتى ئاستىغان ئالغان.
   مىخالكاچاتۇئىن ھەمىشە قىزلىرىنى خورلايدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم قىزلىرىنىڭ كىيىم ئىچىدە تۇرىدىغان يەرلىرىگە ئۇرىدىكەن، بۇنىڭدا باشقىلار ئۇنىڭ بۇ ھايۋانى قىلمىشلىرىنى بىلەلمەيتتى. بۇبىلەن بىرگە ئۇ يىرگىنىشلىك شەھۋەت قوللىرىنى ياش قىزلىرىغا سۇنغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئۇلارغا جىنسى تاجاۋۇزچىلىق ئېلىپ بارغان ھەم ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىمەن دەپ تەھتىد سالغان. مىخالكاچاتۇئىن بەزىبىر غەلىتە ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزلىرىنى قىينايتتى؛ مەسىلەن ئۇ بەزىدە قىزلىرىنى ئىتنىڭ تۈكىنى تاراشقا سېلىپ، تاراپ بولغاندا قىزلىرىنى يەرگە چۈشكەن ئىت تۈكلىرىنى يىگىلى سالاتتى.
   ئىلگىرى بىر قېتىم، ئاچا-سىڭىللار ئىچىدىكى بىرسى خورلۇققا چىدىماي دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا ئۇرۇنغان؛ قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرغا ئېلىپ كىتىۋاتقاندا، مىخاكاچاتۇئىن يالغاندىن ئۇقۇشماسلىقتىن دورىنى خاتا يەپ سالدى دەپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرغان. ئۇ ھەمىشە قىزلىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەر بىر ئوغۇللار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدى دەپ گۇمانلىنىپ، قىزلىرىنى پاھىشە دەپ تىللايتتى ھەم ئۇلارنى ئۇراتتى.
   دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئۈچ ئاچا-سىڭىل ساقچى تەرەپكە ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرگەن جەريانىنى تەپسىلى ئىقرار قىلغان. دەسلەپتە ئاچا-سىڭىللار ئىچىدىكى بىرسى پىچاقنى كۆتۈرۈپ دادىسىغا تىققان، باشقا ئىككى ئاچا-سىڭىل بۇنى كۆرۈپ دەرھال كىلىپ ياردەملىشىپ، ھەر بىرى دادىسىنىڭ كۆكرىكىگە بىر نەچچە پىچاق تىققان. مىخالكاچاتۇئىن قېچىپ كەتمەكچى بولغاندا، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن لىفىت يېنىدىلا يېقىلىپ ئورنىدىن تۇرالمىغان.
   ئۈچ ئاچا-سىڭىل دادىسىغا بولغان نەپرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك يوقىلىشىنىلا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دىلونىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، تورداشلارمۇ مىخالكاچاتۇئىنغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەپ، بۇنداق ھايۋان كەبى دادىغا قارىتا، ئۇ ئۈچ-ئاچا سىڭىلنىڭ باشقا تاللىشى يوق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

   گەرچە بۇ ئۈچ ئاچا-سىڭىلنىڭ كەچۈرمىشلىرى  كىشىنىڭ ھىسداشلىقىنى كەلتۈرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى يۇشۇرغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت؛ ھازىر ئۇلار سوتنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇ جاينىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، 15-10يىل ئەتراپىدىكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، كونكىرتنى جازانى سوت مەھكىمىسى باشقا كۈنى سوت ئېچىپ ھۆكۈم قىلىدىكەن.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号