ئازراق بۇزۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى يىيىشكە بولامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8199:قېتىم كورۇلدى

   ياز كۈنلىرى مىۋە-چىۋىلەر مول بولىدىغان كۈن، ھەممە ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مىۋە-چىۋىلەردىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما يازنىڭ بۇ ئىسسىق كۈنىلىرىدە بەزىدە مىۋىلەر بۇزۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كىلىمىز؛ ئۇنداقتا بۇزۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى زادى يىيىشكە بولامدۇ يوق؟

   ئالدى بىلەن مىۋىنىڭ قانداق بۇزۇلۇپ قالغىنىغا قارايمىز.

   قاتتىق تىگىشىشتىن بۇزۇلغان مىۋىلەرنى يىيىشكە بولىدۇ. قاتتىق تىگىشىش مىۋىلەرنىڭ يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەرنى زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، مىۋە تەركىبىدىكى بەزىبىر ئەسلىدە رەڭسىز كەلگەن ماددىلار قېنىق رەڭگە ئۆزگىرىپ، قاتتىق تىگىشىشتىن زەخمىلەنگەن قىسىم قارىداپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت قاتتىق تىگىشىپ زەخمىلەنگەندىن كىيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەپ بولساق، بۇ خىلدىكى "بۇزۇلغان" مىۋە-چىۋىلەر سالامەتلىككە زىيان قىلمايدۇ.

   توڭلىتىشتىن زەخمىلەنگەن مىۋىلەرنى يىيشكە بۇلىدۇ. توڭلاتقاندىن كىيىن، مىۋىلەر ئوخشاشلا ھۈجەيرىلەر زەخمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، سىرتقى كۈرنىشى ئاز-تولا كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، ئەمما تەركىبىدە باكتىرىيە كۆپىيىۋالغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى زەخمىگە ئۇچرىغان مىۋە-چىۋىلەرمۇ بىخەتەر ھىسابلىنىدۇ.

   كۆكىرىپ بوزۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ، دەرھال تاشلىۋىتىش كىرەك. كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغلارنىڭ ھاياتلىق كۈچى ئويلىغىنىمىزدىن كۆپ كۈچلۈك بولۇپ، كۆكىرىپ قالغان مىۋىلەرنىڭ كۆكىرىپ قالمىغان قىسىملىرىمۇ كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ تەرپىدىن بۇلغانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىلدىكى بۇزۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى ئىككىلەنمەستىن تاشلىۋىتىش كىرەك، ئازراقمۇ يىيىشكە بولمايدۇ.

   ئەلۋەتتە، ئەگەر مىۋىنىڭ قانداق بۇزۇلۇپ قالغىنىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمىغاندا، ئەڭ ياخشىسى يىمەسلىكىڭىز كىرەك، بولمىغاندا تاساددىبى قورسىقىڭىز ئاغرىپ قالسا، بىئارام بولدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىزدۇر.

 

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号