يۇيۇنغاندا بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلمىسىڭىز ئۆمىرىڭىز قىسقىرايدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8404:قېتىم كورۇلدى

     بىر كۈنلۈك چارچاشتىن كىيىن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنىۋالسىڭىز ئۆزىڭىزنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز، چۈنكى يۇيۇنۇشنىڭ بېسىمنى يىنىكلىتىپ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز يۇيۇنۇش جەھەتتىكى بەزىبىر خاتا قاراشلارنى بىلىۋىلىشىمىز كىرەك، چۈنكى بۇ خاتا قاراشلار ساغلاملىققا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ خىل خاتا قاراشلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى!

يۇيۇنۇش جەھەتتىكى خاتا قاراشلار

1.  ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا يۇيۇنۇش

     ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كىيىن يۇيۇنىۋالساق، چوڭ مىڭىنى غىدىقلاپ، روھىمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىشىغا پايدىسى بولىدۇ؛ ئەمما ناشتا قىلماي تۇرۇپ يۇيۇنساق، ئاسانلا باش قايىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قان شىكىرى تۆۋەن كىشىلەر بولۇپ قالسا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغان بولۇپ، بەلكىم شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇيۇنغان ۋاقتىمىزدىكى يۇقىرى سۇ تىمپىراتۇرىسى قان تۇمۇرىمىزنىڭ كېڭىيىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك ۋە ھالسىزلىنىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا يۇيۇنماي، ئەڭ ياخشىسى ناشتا قىلىپ يېرىم سائەتتىن كىيىن يۇيۇنساق بولىدۇ.

2.  ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۇيۇنۇش

    نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۇيۇنۇپ، راھەت يېتىپ ئوخلاپ قېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئسسىق سۇدا يۇيۇنساق، بەدەن تىمپىراتۇرىسى دەرھال ئۆرلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال مىڭىنىڭ قارىنى ياندۇرۇش ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەتتا زىيادە ھاياجانلىنىپ كىتىش سەۋەبلىك ئۇيقۇڭىزنى قاچۇرۋىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن 2سائەت بۇرۇن ئەتراپىدا يۇيۇنىۋالسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق؛ ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن لۆڭگىنى سوغۇق سۇدا ھۆللەپ، پىشانىڭىزگە بىردە قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلاشقا يېتىڭ.

3.  تاماقتىن كىيىن يۇيۇنۇش

     ئاچ قورساق يۇيۇنۇشقا بولمىغانغا ئوخشاش، قورساق بەك تويۇنۇپ كەتكەندىمۇ يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ؛ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان قىسىمغا يېغىلىۋالىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يۇيۇنساق، قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازاندىن تىرە ۋە مۇسكۇللارغا يېنىپ كىلىپ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشاشلا ھاراق ئىچكەندىن كىيىنمۇ دەرھال يۇيۇنماسلىق كىرەك، بولمىسا ئىسپىرت تەركىبىنىڭ پارچىلىنىشغا تەسىر يىتىپ، باش قېيىش، مىڭە سەكتىسى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تاماقلىنىپ بولۇپ ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن يۇيۇنۇڭ.

4.  يۇيۇنغاندا كۈچەپ ئۇۋلاش

     تىرە سىرتقى يۈزىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت تىرە توسوق قوغداش قەۋىتىنى تۈزىدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەملىشىدۇ ھەم سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ كۈچەپ ئۇۋىلاش بولسا، بۇ قوغداش قەۋىتىنى بۇزۇۋىتىپ تىرىگە زەخمە يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

توغرا بولغان يۇيۇنۇش ئۇسۇللىرى

1.  قېتىم سانى

     ياز كۈنلىرىدە نىسبەتەن تەر كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ؛ ئەمما قالغان ئۈچ پەسىلدە ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. ياشانغانلار قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تۈردە ئازايتسا بولىدۇ، سېمىز ياكى ئاسان تەرلەيدىغان كىشىلەر قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تۈردە نەچچە قېتىم كۆپەيتسىمۇ ھېچۋەقەسى بولمايدۇ.

2.  ۋاقىت

    مەيلى قايسى پەسىل بولمىسۇن، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئادەتتە ھەر قېتىملىق يۇيۇنۇش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك، بولمىسا ئاسانلا يۈرەك ۋە مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەيدىغان ھەم قان يىتىشمەيدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.

3.  سۇ تىمپىراتۇرىسى

    يۇيۇنغاندىكى سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسى بەك يۇقىرىمۇ بولماسلىقى ھەم بەك تۆۋەنمۇ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك، بەدەن تىمپىراتۇرسى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان، يەنى 37 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، تىرە يۈز قىسمىدىكى قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ، يۈرەك مىڭە قان تۇمۇرلىرىدىكى قان مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەك مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ياز كۈنلىرىمۇ بەك سۇغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق كىرەك، بولمىغاندا ئاسانلا تارتىشپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号