ئامىرخاننىڭ كىنوغا رول ئېلىشتىن باشقا ئىشلىرىنى بىلەمسىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9189:ئادەم ئۆگەندى

    ھىندىستان كىنو فىلىمى ياكى ھىندىستان كىنو ئارتىسلىرىنى تىلغا ئالساق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىسىگە كىلىدىغىنى ئامىرخان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئامىرخاننىڭ ھىندىستاندىكى كۈندىلىك تۇرمۇشى قانداق ئۆتىدۇ، سىز بەلكىم بۇنى بىلمەيسىز. ئامىرخان گەرچە ھازىر ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرىنىڭ بىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى يەنىلا ئاددى-ساددىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىزىلىشىمۇ ناھايىتى ئادەتتىكىچىلا كەلگەن.

    ئۇ يەنە 45 سىلتسىيە گىرادوسلۇق ئىسسقتا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە ئۆستەك قېزىشقا قاتنىشىدۇ؛ ئادەتتە ئايالى بىلەن بىرگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپمۇتەرەپ قاترايدۇ، فىلىم ئىشلەيدۇ، سۇ فوندى تەشكىللەيدۇ، سۇ ئىنشاتى قۇرىدۇ.... سىز ئۇنىڭ داڭلىقلىقىنى پەش قىلىپ چوڭچىلىق قىلىشىنى كۆرۈش ئەمەس، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئازراقمۇ چولپانغا ئوخشايدىغان يەرلىرىنى تاپالمايسىز. ئامىرخان ئۆزىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن قىلغان بۇ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك خىزمىتى دەپ بىلىدۇ.

 

-1-

 

   ئەمىلىيەتتە ئامىرخان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىلا جوڭگۇلۇق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇدا ناھايتى قارشى ئېلىنغان ھىندىستان ھىكايە فىلىمى-- " كارۋان" فىلىمى ئامىرخاننىڭ تاغىسى رىژىسورلۇق قىلغان فىلىم؛ ئەينى يىلى ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن ئامىرخان تاغىسىنىڭ بۇ فىلىمىدە رولغا چىققان. كىينچە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامىرخاننىڭ ۋاقتىنچە كىنو-فىلىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن.

   ئامىرخاننىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئارزۇسى داڭلىق سىتكا توپ تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئىدى، ئۇ تېخى 14 يېشىدىلا ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى سىتكا توپ چىمپىيونى بولغان؛ ئەمما كىيىن ئامىرخاننىڭ بوي ئىگىزلىكى 172 سانتىمىتىردا توختاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، بۇ ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى.

    سېتكا توپ تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئارزۇسى يوققا چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تاغىسى بىر قېتىملىق كىنو ئىشلەش جەريانىدا مۇۋاپىق ئارتىس تاپالمىغانلىقتىن، ئامىرخاننىڭ سىناپ بېقىشىنى ئېيتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئەينى يىلى 23 ياشقا كىرگەن ئامىرخان تاسادىپى كەلگەن بىر پۇرسەتتە، " ھاياتلىقتىكى ئىسسق-سۇغۇقلار" ناملىق فىلىمدە باش رول ئالدى.

     " ھاياتلىقتىكى ئىسسىق سۇغۇقلار" ناملىق بۇ فىلىم ئاشكارە قويۇلغاندىن كىيىن، چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ ياخشى باھالارغا ئىرىشتى؛ ئامىرخانمۇ بىر كىچىدىلا بوللىۋودتىكى نامى چىققان چولپانغا ئايلاندى.

    ئەينى يىللىرى ، بوللىۋودتىكى چولپانلار بىر يىلدا ئون نەچچە فىلىم ئىشلەيدىغان زامان بولۇپ، ئەمما ئامىرخان كىنولارغا رول ئېلىش تەكلىپىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىۋىرىشنى رەت قىلدى. ئۇ بۇ چەمبىرەكتىكى ئالاھىدە ئىش كۆرىدىغان بىر غەيرى تىپ ئىدى. باشقا چولپانلار كىنوغا رول ئېلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۋالسا، رىژىسور بىلەن ئىرىشىدىغان ھەقكە قارايتتى، ئەمما ئامىرخان بولسا، سىنارىيەگە قارايتتى؛ ئەگەر سىنارىيە ياخشى بولمىسا، ھەر قانچە كۆپ ھەق بەرسىمۇ رول ئېلىشنى رەت قىلاتتى.

     ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن بوشاشماسلىقى، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى؛ كىيىن ئۇ " ھىندىستانلىق راجا" فىلىمىگە تايىنىپ مۇھىم مۇكاپاتقا ئىرىشتى.

    ئەمما ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىششكە خوشى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىن ھىندىستاندىكى ھەرقانداق كىنو-فىلىم باھالاش پائالىيەتلىرىدىن چىكىنىپ چىقىش قارارىنى چىقاردى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن ئەجەبلىنەرلىك ھىس قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىگە ھەممە ئىنىق ئايان بولۇپ، بۇ كىنو فىلىملەرنىڭ رىئال جەمىئىيەتكە زىت كىلىدىغان تەرەپلىرى بەك كۆپ بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنداق شان-شەرەپلەرنى ئىتراپ قىلمايتتى.

 

-2-

 

    ئەينى ۋاقىتتىكى كىنو-فىلىم سانائەتلەشكەن مۇھىتتا، يېشى كىچىك بولغان ئامىرخاننىىڭ ئۆز پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى زامانغا ماسلاشمىغاندەك كۆرنەتتى. ئۇ " ھىندىستان كەچمىشلىرى " ناملىق فىلىمدا رولغا چىقىشقا قوشۇلغان ۋاقىتتا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان ئىدى، چۈنكى بۇ فىلىم شۇ ۋاقىتتىكى ئېقىمغا ماس كەلمەيتتى؛ ئەمما ئۇ يەنىلا باش تارتماستىن، بۇ فىلىمنىىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە باش رولغا چىقىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، چۈنكى ئۇ بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.

    ئەمىلىيەت يەنە بىر قېتىم ئامىرخاننىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى؛ بۇ فىلىم ھىندىستان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەنگىلىيە ھۆكۈمران كۈچلىرىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىنى تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ، كۆرلۈش نىسبىتى ۋە بىرىلگەن باھا ئىنتايىن يۇقىرى بولدى ھەمدە شۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

     شۇندىن باشلاپ، ئامىرخان كىنو-فىلىملەرنىڭ سەنئەت ۋە سودا قىممىتى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايدىغان بولدى؛ ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىنتىلىشى پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ كىنو-فىلىملەرنىڭ ئىژتىمائى قىممىتى ئىدى.

   ئامىرخاننىڭ نەزىرىدىكى ئىژتىمائى قىممىتى، كىنو-فىلىملەر ھەقىقى رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىدىمۇ يوق، ئىنسانلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان قورالغا ئايلىنىپ جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلىدىمۇ يوق دىگەن مەسىلە ئىدى. ئامىرخان شۇندىن باشلاپ بۇ خىل ئىنتىلىشىنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر تۈركۈم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كىنو-فىلىملەردە رول ئالدى.

    2005-يىلىدىكى " زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان" فىلىمى، ئەركىنلىك ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان ئىنتىلىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

     2006-يىلىدىكى " باساتنىڭ رەڭگى " ناملىق فىلىم، باتۇرلۇق بىلەن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قامچىلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

    2007-يىلى ئۆزى رىژىسورلۇق قىلىپ ئۆزى باش رول ئالغان " يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار" ناملىق فىلىمى، كىشىلەرنىڭ ھىندىستان ئەنئەنىۋى مائارىپ تۈزۈمىگە بولغان ئويلىنىشىنى قوزغىدى.

     2009-يىلىدىكى " ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى قالايمىقان قىلىشى " فىلىمىدە، تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ھىندىستاننىڭ ئەندىزىلىشىشكە ۋە مەنپەئەتنى ئاساس قىلىشقا يۈزلەنگەن مائارىپ تۈزۈمىگە قاراتتى.

    2010-يىلى ئامىرخان ئۆزى رىژىسورلۇق قىلغان " ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى نەخ مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش" فىلىمى، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمىئىيەتتىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كىتىپ بارغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

     2014-يىلىدىكى " ئاھ! مىنىڭ ئىلاھىم " ناملىق فىلىم، دىنغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش ھادىسىسىنى مەسخىرە قىلدى.

     ئامىرخان رول ئالغان ئاساسەن دىگۈدەك ھەر بىر كىنو-فىلىم،  بىر خىل جەمىئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەرنى ئىنكاس قىلىپ ئېچىپ بىرەتتى.

 

-3-

 

     ئامىرخان ئاخىرىدا دۆلەتنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ " خەتەرلىك " يولغا ماڭدى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزى رىژىسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان " يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار" فىلىمى دىققەت مەركىزىنى، ھىندىستاننىڭ ئىژتىمائى قىزىق نوقتىسى—مائارىپ مەسىلىسىگە قاراتقان ئىدى.

     بۇ فىلىمدە ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ قارىشى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، جەمىئىيەتنى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا بىرتەرەپلىمە قاراشتا بولماسلىققا چاقىرىق قىلىپ، بالىلارنى ئەركىن ئۆسۈپ-يىتىلىشكە ئىلھاملاندۇرغان.

    ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئامىرخان " ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى قالايمىقان قىلىشى" فىلىمىدىكى باش پىرسوناز لەنچىرنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىمدىكى لەنچىر مەكتەپ مۇدىرىغا ئاشكارە گەپ ياندۇرىدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ كونىلىققا ئېسىلىۋالىدىغان مائارىپ قارىشىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.

     بۇ فىلىم گەرچە كۈلدۈرگىنى يېپىنچا قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما يۇمۇرىستىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھىندىستاندىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى، پۇلغا ئىتقاد قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ئىژتىمائى مەسىلىلەرنى مەسخىرە قىلغان.

    ئاسىيا قىتئەسىدە داڭ چىقارغان بۇ فىلىم،  ئامىرخاننى جوڭگۇ كىنو مەستانىلىرىگە تۇنۇتتى.

 

-4-

 

    ئامىرخان ھەقىقى تۈردە جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كىنوغا رول ئالىدىغان ئارتىس.

     " كۆلەڭگە ماشىنا ئىلاھى" فىلىمىدە ياخشى رول ئېلىش ئۈچۈن، 49 ياشلىق ئامىرخان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى ماي مىقدارىنى %9 گە چۈشەرگەن بولۇپ، فىلىمدىكى ئوبرازى كىشىگە 30 ياشلىق ئادەمدەك تەسىر بىرەتتى.

     " ئاھ! مىنىڭ ئىلاھىم " فىلىمىدىكى تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ رولىنى جانلىق ئويناش ئۈچۈن، قورال-سايمانلاردىن پايدىلىنىپ، قولىقىنى سوزۇپ ئۇزۇن قىلغان.

     " چېلىشايلى! دادا " فىلىمىگە كەلگەندە، ئۇ بەدىنىگە ماتىريال چاپلاپ سېمىز بولۇپ ئۆزگىرىشكە ئۇنىماي، ئەڭ دۆت ئۇسۇلنى قوللانغان: يەنى ئاۋال يىمەكلىكتىن سەمىرىپ، سېمىز چىقىدىغان كۆرنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئامال قىلىپ ئۇرۇقلىغان.

   بۇ سەۋەپلىك ئۇ قايسى يىمەكلىك سەمىرتسە، شۇ يىمەكلىكنى يەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 28كىلوگىرام سەمىرگەن. گەرچە سەمىرىپ قالغاندىن كىيىن ناھايىتى بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامىرخان پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ سەمىرسە، رول ئېلىش ھىسياتىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىيىن ئۇرۇق ھالىتىدىكى كۆرنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ يىمەكلىكنى قاتتىق كونتىرول قىلىش ۋە تەلۋىلەرچە مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى يەنە بۇرۇنقى " مۇسكۇللۇق" ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، ياش ۋاقتىدىكى چېلىشىش كۆرنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالغان؛ قىسقىغىنا 5 ئاي ئىچىدە، ئامىرخان بەدىنىدىكى ياغ مىقدارىنى %37تىن %9.6گە چۈشۈرۈپ مۆجىزە ياراتقان.

    بىر كىنوغا رول ئېلىش ئۈچۈن، ھاياتىنى دوغا تىكىشكە جۈرئەت قىلىش، بۇنداق ئارتىستلار بىر ئۆمۈر نام چىقارمىسا ئەجەبلىنەرلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

 

-5-

 

     جىنسى ئايرىمىچىلىق مەسىلىسى، ئەرلەر ھوقۇقىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان ھىندىستان جەمىئىيىتىدە تېخىمۇ ئېغىر.

   " چېلىشايلى! دادا" فىلىمىنىڭ جوڭگۇدىكى سېتىلىشى بىر مىليارت 200مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئامىرخان ئېلىپ كەلگەن، كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ ھىكايە، نۇرغۇنلىغان جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چاۋاك چېلىپ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. بىر ئۇلۇغ دادىنىڭ قىزىنى فىئوداللىق ئىدىيىدىكى تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە ساقلاتتى.

    بۇ فىلىم جۇڭگۇدىلا ئالقىشقا ئىرىشىپ قالماي، ھىندىستاندا قويۇلغاندىن كىيىن، پۈتۈن تاماشىبىنلار ھىندىستان دۆلەت شىئىرى ئورۇنلانغان ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى؛ ھىندىستاننىڭ 4 ئۆلكىسى ھەتتا بۇ فىلىمنىڭ بىلەت كىرىمى بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى.

    " چېلىشايلى! دادا" فىلىمىدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامىرخان يەنە بىر نادىر ئەسىرى—" سىرلىق چولپان" نى ئېلىپ كەلدى.

    بۇ تۈردىكى كەسكىن كەلگەن ئىژتىمائى مەسىلىلەر ئۇ رولغا چىققان كىنو-فىلىملەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى ئىژتىمائى مەنە بېغىشلىدى.

 

-6-

 

    ئامىرخان كىنو فىلىملىرىدىكى ئىپادىلەشلەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى؛ دۆلەتنىڭ ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى ئۇنى ھەسرەتكە چۆمدۈرۈپ خاتىرجەمسىزلەندۈرۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىژتىمائى مەسىللىلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ، ھەقىقەتنى ئاشكارىلىپ چىقىشنى قارار قىلدى.

    ئامىرخان " ھەقىقەت" پىروگىرامما گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، ئۇ رىياسەتچى ۋە مۇخبىرنىڭ رولىنى ئويناپ، نۇرغۇنلىغان ئىژتىمائى مەسىلىلەرنى تەكشۈردى ۋە مۇلاھىزە قىلدى؛ ئۇ ئوتتۇرغا قويغان ھەربىر ئىژتىمائى مەسىلە كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىمدا ئازاپقا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن ياشلار تۆكەتتى.

   ھەممىدىن قىممەتلىك بولغىنى، ھەر قېتىملىق پىرگىراممىدا، ئامىرخان مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە ئادۇۋكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدىغان بولۇپ، ئازارلانغۇچى مەيلى 10 نەچچە ياشلىق كىچىك قىز بالا بولسۇن ياكى ئاللىقاچان ياتلىق بولۇپ بولغان چوڭ ئايال كىشى بولسۇن، ئامىرخان ئۇلارنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى ھەل قىلىشىپ بىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشاتتى.

   مەسىلەن بىر قېتىملىق گۆدەك بالىلارغا جىنسى زوراۋانلىق ئىشلىتىش ھەققىدىكى پىروگىرامما قويۇلغاندىن كىيىن، ئامىرخان دۆلەتلىك پارلامىنتقا گۇۋاھلىق بىرىشكە چاقىرتىلىپ، پارلامىنتنىڭ بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇن لاھىيىسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىلگىرى سۈردى.

    بەزىلەر ئامىرخاندىن " سىز نىمە ئۈچۈن بۇ پىرگىراممىنى ئىشلەپ ئاۋارە بولىسىز؟ ھازىر سىزنىڭ تۇرۇمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەل، باشقىلارنىڭ ئازاپ- ئۇقۇبەتلىرىنىڭ سىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بولسۇن" دەپ سورىغاندا، ئامىرخاننىڭ بەرگەن جاۋابى نۇرغۇن كىشىلەرنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى؛ ئۇ يۇقارقى سۇئالغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: " مەن بىلەن ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار، چۈنكى مەن بىر ئارتىس بولۇپلا قالماستىن، مەن يەنە بىر ئەر ھەم بىر دادا؛ بۇ مىنىڭ دۆلىتىم، مەن بۇ يەردە ياشايمەن".

    "ھەقىقەت" پىروگىراممىسى مەسىللىلەرنى چوڭقۇر قاتلامدىن ئېچىپ بىرىدىغان بولۇپ، جىنسى ئايرىمىچىلىق، نىكاھ ئەركىنلىكى، تىببى ساھەدىكى چىرىكلىشىش، زور مىقداردىكى قىز مېلى، ئائىلە زوراۋانلىقى، بالىلارغا بولغان جىنسى زوراۋانلىق، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۆۋەتتە ھىندىستان جەمىئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئىژتىمائى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىرگىرامما 3بۆلۈم قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن كۆرگەن ئادەم سانى 600مىليون ئادەمدىن  ئېشىپ، ھىندىستاندا زور غولغولا قوزغىغان.

    ئامىرخان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھىندىستان كىنو-فىلىملىرىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، بۇ دۆلەتكە بولغان قاراشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىرۋىسىغا تىگىپ، ئەرلەر ھوقۇقىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويىدىغان بۇ جەمىئىيەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.

    شۇنچە يىللاردىن بىرى، ئامىرخاننىڭ باشقىچە يوللار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇنىڭ كىنو-فىلىملىرى ۋە ئىشلىگەن پىروگىراممىلىرى ئېچىپ بەرگەن ئىژتىمائى مەسىلىلەر، بەزىبىر كىشلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سېتىۋىلىپ، ئامىرخاننىڭ كىنو-فىلىملىرىنى تەنقىد قىلدى، كىنوخانىلارنىڭ ئۇنىڭ فىلىملىرىنى قويۇشىغا توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئىلان تاختىلىرىنى كۆيدۈرۋەتتى، ئۇچۇق ئاشكارە ئۇنى تىللاپ ھاقارەتلىدى....

    ئامىرخان بولسا قەيسەر بىر جەڭچىگە ئوخشاش، بۇ يولدا بارغانسىرى باتۇرانىلىق بىلەن ئالغا ئىگىرلىدى. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:" پەقەت بۇ دەۋرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلا بولسا، كىمنىڭ كۆڭلىدە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت ئازراق بىر ئۇچقۇن بولسا، بۇ ئۇچقۇن ئاخىرى بېرىپ ھەيۋەتلىك يالقۇنغا ئايلىنىدۇ."

    2012-يىلى ئامىرخان ئامىرىكا دەۋر ژورنىلى تەرپىدىن " يەر شارىدىكى 100 چوڭ تەسىر كۈچىكە ئىگە ئەربابلار"نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

    دەۋر ژورنىلى ئۇنى " ھىندىستان ۋىجدانى" دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان باھادا مۇنداق يېزىلغان:" ئۇ ھىندىستان جەمىئىيىتىدىكى ئىژتىمائى كىسەللىكلەرگە بىۋاستە يۈزلىنىپ، بوللىۋودنىڭ مۇقىم ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ بىر ئارتىس بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟"

    ئۇنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ھىندىستاننىڭ ۋىجدانى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئەركىنلىك، ھەققانىيەت، ئاق كۆڭۈللۈك توغرىسىدىكى بىر ئەينەكتۇر. ئامىرخان ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىژتىمائى مەدەنىيەتنى تەنقىدلەپلا قالماي، يەنە ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمىئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشتى ۋە ھىندىستانلىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

    ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئەجەبلىنەرلىك ھىس قىلاتتى، نىمەئۈچۈن پۈتۈن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئامىرخاننى ياخشى كۆرىدۇ؟ ھازىر قارايدىغان بولساق، ئامىرخان مەيلى ئۆزىگە ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قارىتا بولسۇن، ئۇ نۇرغۇن ئەركىشىلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئەمما مەڭگۈ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلغان.

    ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، تىرىشچان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، مۇلايىم، ئىشەنچىلىك، ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىدىغان؛ ئويلاپ بېقىڭ، بۇنداق ئەر كىشىنى قايسى ئايال كىشى ياقتۇرمىسۇن؟

    ئامىرخانغا ئوخشاش بۇنداق ئەرلەر، بىر ئۆمۈر نام-ئاتاق قازىنىشى كىرەك!

 

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号