بەزىلەرنىڭ قابىلىيىتى سىزگە يەتمەيدۇ، سىزدەك تەجىربىلىك ئەمەس، ئوبرازى سىزنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، ئەمما كىرىمى سىزنىڭكىدىن يۇقىرى ! زادى قانداق نەرسە سىزنىڭ كىرىمىڭىزنى چەكلەپ قويدى؟

1. ئىنكار قىلىش خارەكتىرىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى
مەسىلەن مۇمكىن ئەمەس، ئامال يوق، قانداقسىگە ئۇنداق بولىدۇ؟ ئويلاپ باقماپتىمەن، بىلمەيمەن قاتارلىقلار؛ بۇ تۈردىكى سۆزلەر سىزنىڭ چوڭ مىڭىڭىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنى توختىتىپ قويىدىغان بولۇپ، سىز نەتىجە ئۈچۈن قايتا جاۋاپ ئىزدىمەيسىز. ئۇسۇلنى بىلەلمەسلىك ئىقتىدارى بولمىغانغا تەڭ.
2. مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش
مەسىلەن كۆرمىدىم، بىلمەيمەن، مىنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، ..... سەۋەبىدىن، شۇنىڭ ئۈچۈن.....؛ بۇ تۈردىكى سۆزلۈكلەر بىر ئادەمنى كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا بىر ئىشنى ئۆزى بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ھىس قىلدۇرىدۇ ۋە بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئۆسۈپ يىتىلىش پۇرسەتلىرىنى كەتتۈرۈپ قويىدۇ.

3. پۇل
پۇل، بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى بىر دائىردە چەكلەپ قويىدۇ؛ پۇل بەرمىسە ياكى پۇل ئاز بولۇپ قالسا ئىش قىلمايدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆزى پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
4. مەسئۇلىيەت چەكلىمىسى
بۇ ئىش ماڭا تەۋە ئەمەس، ئۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق؛ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنمىغان ھەرقانداق مەسىلە بىلەن چاتىقى بولماسلىق؛ بۇلار بەلكىم پۇرسەتنىڭ مەڭگۈ تەييارلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك.
5. ئاغرىنىپ قاقشاش
ئۆزىنى مەڭگۈ زىيانغا ئۇچرىغۇچى ھىسابلاش، بىرە مەسىلە يۈز بەرسە مەڭگۈ باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەممە ئىشتىن نارازى بولۇپ قاقشاپ چىقىش؛ كىشىلەر بۇ سەۋەبلىك مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىدۇ، بەخىت بىلەن خوشاللىق ئاستا-ئاستا ئۇلاردىن يېراقلاپ كىتىدۇ.
6. ئۆزى بىلگەننى قىلىش
ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماسلىق، ھەمىشە ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ بىلىش؛ بۇ سەۋەبلىك ئاستا-ئاستا ھېچقانداق ئادەم بۇنداقلارغا پىكىر بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز ھەر قانداق ھەقىقى سۆزلەرنى ئاڭلىيالماسلىق بىلەن بىرگە پەقەت ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆسۈپ يىتىلىشكە مەجبۇر بولىسىز.

7. ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك
سىز ئىشەنمىگەن ھەرقانداق بىر نەرسىگە ھەرگىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئىنتىلمەيسىز؛ سۇنى ئېقىشغا قويۇپ بىرىسىز.
8. خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇش
خاتالىشىشتىن قورقۇپ ئولتۇرىدىغان ئادەم تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ بىرەر خاتالىق كۆرۈلسە، بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزىگە باھانە سەۋەب ئىزدەيدۇ، نۇرغۇنلىغان سىناپ باقىدىغان پۇرسەتلەرنى كەتكۈزىۋىتىدۇ؛ بۇلارنىڭ نەتىجە تۇنۇشى بولمايدۇ، ھەمىشە توغرا خاتانى تالىشىپ قىزىرىشىپ يۈرىدۇ.
9. ھۇرۇنلۇق
ئىشلەشنى ئويلاشمايدۇ، ھەم ئويلاشنىمۇ خالىمايدۇ؛ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولۇپ، قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ ھەم بېسىملارغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ؛ بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئىشلىمەي چىشلەشنىلا ئويلاپ، ھەر كۈنى قۇرۇق خىياللارغا غەرق بولىدۇ.

سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز، ھەرىكىتىڭىز ۋە ھىسى بىلىشىڭىزدە توختاپ قالىدۇ.

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ
ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ
ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号