بۇ يىمەكلىكلەرنى تاشلىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى، ئەمما توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىماڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8632:قېتىم كورۇلدى

    نۇرغۇن كىشىلەر يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىپ كىلىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەمما توڭلاتقۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس بولۇپ، بەزىدە ھەتتا يىمەكلىلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن يىمەكلىكلەرنى ھەرگىز توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىماڭ، بولمىسا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كىتىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس، سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يىتىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ.

 

بەرەڭگە

     نۇرغۇن كىشىلەر بەرەڭگە يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەرەڭگە بىر خىل يۇقىرى كىراخماللىق يىمەكلىك بولۇپ، تۆۋەن تىمپىراتۇرا بەرەڭگە تەركىبىدىكى كىراخمالنى پارچىلىۋىتىدۇ.

    بەرەڭگىنى توڭلاتقۇغا سالساق، بەرەڭگە تەركىبىدىكى كىراخمال قەنتكە ئۆزگىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، بەرەڭگىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بەرەڭگە يىيىشنى ھەرقانچە ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولسىمۇ بۇ خىلدىكى بەرەڭگە يىيىشنى ياقتۇرمايدۇ.

    بەرەڭگىنى ساقلاشتا، سىز بەرەڭگە قاچىلانغان قەغەز قاپ ياكى خالتىغا بىر نەچچە تال ئالما سېلىپ قويۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئالما ئادەتتە " ئېتىن گازى " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گاز قويۇپ بىرىدىغان بولۇپ، بۇ گاز بەرەڭگىنىڭ بىخلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

بانان

     تەمى يىيىشلىك كەلگەن بانان ئىسسق بەلۋاغدا ئۆسىدىغان مىۋە بولۇپ، تۆۋەن تىمپىراتۇرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا، باناننىڭ سىرتقى پوستى قارىداپ قالىدۇ. باناننى ساقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان تىمپىراتۇرا 8 سىلتسىيە گىرادوستىن يۇقىرى بولىدۇ.

    ئەمىلىيەتتە سىز پەقەت يىڭى ساقلاش پىلاستىرلىق پەردىسى بىلەن باناننىڭ تۈۋى قىسمىنى ئوراپ قويسىڭىز، باناننى يىڭى پېتى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە باناننىڭ سىرتقى پوستىنى بۇزۇۋەتمەسلىككە ۋە ئالما، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق مىۋىلەر بىلەن بىللە قويماسلىققا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.

 

 پەمىدۇر

     پەمىدۇر تۆۋەن تىمپىراتۇرىدا توڭلىتىلغاندىن كىيىن، ئېتى يۇمشاپ، يىڭى تەمىنى يوقىتىپ قويىدۇ ياكى يېرىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ؛ بەزىدە ھەتتا سېسىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.

     ئەگەر پەمىدۇرنى توڭلاتقۇغا سېلىش توغرا كەلسە، پاكىزە يۇيۇپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن، يىمەكلىك خالتىسىغا قاچىلاپ توڭلىتىپ قويساق بولىدۇ.

 

تەرخەمەك، كۆكمۇچ

     توڭلاتقۇ ئىچىنىڭ تىمپىراتۇرىسى زىيادە تۆۋەن بولغانلىقتىن، تەرخەمەك ۋە كۆكمۇچنى توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغاندا، قارىداپ قالىدىغان، يۇمشاپ تەمى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا تەرخەمەكلەر يۈزىدە يەنە تۈكچىلەر پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

     ساقلىماقچى بولغان تەرخەمەك ۋە كۆكمۇچنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاندا، ئۇلارنى ئىمكان قەدەر ئۆي ئىچىدە ساقلاش، سۇ تىگىپ قېلىشتىن، زىيادە شامال ئۆتۈشۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش، يۇرۇقلۇق بەك چۈشمەيدىغان جايدا ساقلاش لازىم.

 

ھەسەل

     ھەسەلنىڭ تەبىئى يىڭى ساقلىنىش ئىقتىدارى بار؛ ئەمما تۆۋەن تىمپىراتۇرا ھەسەلنىڭ شىكەر تەركىبىنىڭ كىرىستاللىشىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، خېمىرغا ئوخشاش قويۇلدۇرۇپ قويىدۇ. ئادەتتە ھەسەلنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، پەقەت ئېغىزى ھىم ئىتىلگەن بولسىلا، تەسكەي، قۇرغاق، ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايدا قويۇپ ساقلساقلا بولىدۇ.

 

باش پىياز

     باش پىيازنى توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ساقلىساق، يۇمشاپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆكىرىپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرىغان ۋاقىتتا سۇ تەركىبى تىزلا ئېقىپ كىتىدۇ.

     ئادەتتە باش پىيازنى تەسكەي، قۇرغاق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا قويساقلا 30 كۈن ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.

 

سامساق

    سامساقنى توڭلاتقۇغا سالساق كۆكىرىپ قالىدۇ؛ ئادەتتە سامساقنى ھاۋاسى قۇرغاق كەلگەن ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىدا ساقلىساق بولىدۇ. مىنىڭچە سىزمۇ ئەمدى كولاپ چىققان يىڭى سامساقلارنى خۇددى چاچ ئۈرىگەندەك  ئۈرەپ دەرىزىگە ياكى ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايلارغا ئېسىپ قويغىنىنى كۆرگەن بولغىيتىڭىز ھەقىچان!

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号