نۇرغۇن كىشىلەردە، " ئۈچ خىل يۇقىرى " كىسەللىكى بار بولۇپ، ھەرىكەت مىقدارى ئاز، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى قوغلۇشۇش، قارا ئاشلىق ئىستىمال قىلىشى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار بۇ كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەپ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئازادلىق ئارمىيە 309-دوختۇرخانىسى ئۇزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېنىڭ كۆرسىتىشىچە، جوڭگۇ ئاھالىلەر يىمەكلىك قوللانمىسىدا مۇنداق تەكلىپ بىرىلگەن: ئادەم ھەركۈنى 400-250 گىرام ئەتراپىدا دانلىق زىرائەت ئىستىمال قىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدە 100-50 گىرام ئەتراپىدا قارا ئاشلىق بولۇشى كىرەك؛ ئەمما " ئۈچ خىل يۇقىرى" كىسەللىكى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ مىقدارنى يەنە ئازراق كۆتۈرۈشكە بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۈندىلىك ئاساسلىق يىمەكلىكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن يېرىمىغىچە بولغان نىسبەتنى ئىگەللىسە بولىدۇ. ئاق ئاشلىققا قارىغاندا، قارا ئاشلىق تەمىنلەيدىغان ئىنىرگىيە كۆپ بولمايدۇ، ئەمما يىمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ؛ ياغنىڭ سۈمۈرلىشىگە بەلگۈلۈك دەرىجىدە توسۇش رولىنى ئويناپ، قان تەركىبىدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى خولىستىرىن ۋە گىلىتسىرىن ئۈچ ئېستىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان بېسىمى يۇقىرى بۇلۇش، قاندىكى ماي تەركىبى يوقىرى بولۇش، قاندىكى قەنت مىقدارى يوقىرى بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ يۈز بىرىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەمما قارا ئاشلىقتىن يىمەكلىك تەييارلاش نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولۇپ، پىشۇرۇش ۋاقتىنى قوشقاندا ئاز دىگەندىمۇ 3-2 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ، شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپى بولسا، دانلىق زىرائەت شىرنىسى ئىچىشتۇر. جاڭ يې ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيدە شورۋىگۈرۈچ قايناتقان ۋاقتىمىزدا، شورۋىگۈرۈچنىڭ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان "گۈرۈچ مېيى"نى بالىلارغا ۋە ياشانغانلارغا ئىچكۈزەتتى؛ بۇ بىر قەۋەت "ماي" ئەمىلىيەتتە ئاشلىق تەركىبىدىكى ياغلار-- ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بولۇپ، ناھايىتى ئاسان سۈمۈرلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قارا ئاشلىقنى قاينىتىپ ياكى سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچسەك، ناھايىتىمۇ ساغلام بولغان ئىستىمال ئۇسۇلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق ئىستىمال قىلىش كىرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر بەرگەن تەكلىپ بۇلسا، دانلىق زىرائەت، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىك ۋە قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەرنى ئارلاشتۇرۇپ شىرنە تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشتۇر. مەسىلەن قىش كۈنلىرى قارا گۈرۈچ، قارا پۇرچاق، قارا كۈنجۈتكە يەنە ئازراق ئىزىپ ئۇن ھالىتىگە ئەكىلىنگەن ياڭاق قوشۇپ ئىستىمال قىلساق، تەمى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىتايىن ياخشى بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار. قىزلارغا نىسبەتەن گۈرۈچ، قىزىل پۇرچاق، چىلان، ئالقات قاتارلىقلارنى تاللىسا، قان تۇلۇقلاپ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار. ئاشقازان ۋە ئۆتى ياخشى ئەمەس كىشىلەرگە نىسبەتەن، سۇلۇ، بوغداي، خاسىڭ، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى تاللىسا، ئاشقازاننى ياخشىلاش ۋە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار؛ ئەگەر كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار بۇنىڭغا سېرىق پۇرچاق قوشۇپ ئىستىمال قىلسا، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
كۆپ قىسىم كىشىلەر قارا ئاشلىقنى كەچلىك تاماقتا يىيىشكە ئادەتلەنگەن، ئەمىلىيەتتە قارا ئاشلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بولۇپ، كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يىگەندە، كىچىلىك ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ھەقتە جاڭ يې كۆپچىلىككە ئىستىمال قىلىشقا ئەپلىك، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان دانلىق زىرائەت شىرنىسى شەكلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن
ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى
سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر
گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك
تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!
مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号