مىۋىلەردىكى شىكەر ماددىسى سېمىزلىكنى پەيدا قىلامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 56601:قېتىم كورۇلدى

   ساغلاملىق ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەمىشە بىزگە، شىكەرنى ئاز يىيىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ ئەمما مىۋە-چىۋە تەركىبىدىمۇ شىكەر ماددىسى بار تۇرسا، بۇ زادى نىمە گەپ؟

    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، شىكەرنى مولىكولا تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن نەچچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ مەسىلەن گىلىكوزا، مىۋە شىكىرى، سۈت شىكىرى، قۇمۇش شىكىرى قاتارلىق. مەيلى قايسى خىلدىكى شىكەر بولسۇن ياكى قايسى خىلدىكى يىمەكلىكتىن كەلگەن بولسۇن، ئوخشاش مىقداردىكى شىكەر بىزنى ئوخشاش مىقداردا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شىكەر تەركىبى بولغان مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش، ئىچىملىك، پىرەنىك قاتارلىقلارغا قارىغاندا ساغلام ھىسابلىنىدۇ؟

مىۋە ئىستىمال قىلغاندا، قۇبۇل قىلىنغان شىكەر مىقدارى كۆپ بولمايدۇ

    مىۋە-چىۋىلەر ئادەمنى ئاسانلا تويۇنغان ھىس قىلدۇرىدۇ، بۇ سەۋەپلىك كۆپ يىيەلمەيمىز. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تاماقتىن ئىلگىرى ئالما يىگەن كىشىلەر، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالما مۇرابباسى ياكى ئالما شەربىتى ئىستىمال قىلغان كىشىلەرگە قارىغاندا تاماقنى ئاز يەيدىكەن؛ گەرچە ھازىرچە بۇنىڭ يىمەكلىكنىڭ ھەجىمىنىڭ سەۋەبىدىن ياكى يىمەكلىكنى چايناش جەريانىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكى ئىنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مىۋە-چىۋە ئادەمنى تويغۇزۇپ، ئىسسىقلىق يەتكۈزلۈش ئومۇمى مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

    باشقا شىكەر تۈرىدىكى مەنبەلەر مىۋە-چىۋىگە ئوخشىمايدۇ؛ مەسىلەن سۈنئى ئۇسۇلدا  " ئەركىن شىكەر " قوشۇلغان يىمەكلىكلەر. ئەركىن شىكەر كۆكتات ۋە مىۋە تەركىبىدىكى شىكەرلەرنىڭ قارشىسى بولغان، زاۋۇت، ئاشپەز ياكى ئىستىمال قىلغۇچى ئۆزى يىمەكلىككە قوشقان شىكەر بولۇپ، ھەسەل، مىۋە شەربىتى قاتارلىقلار تەركىبىدە تەبىئى بار بولغان شىكەر مۇ ئەركىن شىكەر تۈرىگە تەۋە.

   پىرەنىك، ئىچىملىك، كەمپۈت قاتارلىقلار ئەركىن شىكەرنىڭ كۆپ كۈرلىدىغان كىلىش مەنبەسى. بۇ تۈردىكى ئىسسىلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنىڭ شىكەردىن باشقا ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك. يىڭى مىۋىلەرگە قارىغاندا، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئەركىن شىكەرلىك يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدۇ، ھەمدە بۇ يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان باشقا يىمەكلىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ.

    مەسىلەن، مىۋە-چىۋىلەر شەربەتكە ئايلانغان ۋاقىتتا، كىشىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ شىكەر قوبۇل قىلىۋالىدۇ. بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتىنىڭ شىكەر تەركىبى، 6 ئاپلىسىن شىكەر تەركىبىنىڭ يېغىندىسىغا تەڭ كىلىدۇ. بۇندىن باشقا قۇرۇپ قالغان مىۋىلەردىنمۇ ئېھتىيات قىلماق لازىمدۇر؛ سۇ تەركىبىنى يوقاتقان مىۋىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىدا قويۇلۇش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈكنى مىسال ئالساق، گۈلىنىڭ شىكەر تەركىبى ئۈرۈكنىڭكىگە قارىغاندا 6 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

    چىش چىرىش، ساغلام بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىك سالامەتلىككە خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى يىڭى مىۋە يىگەنلىك ياكى كالا سۈتى ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن بولمايدۇ، بەلكى زىيادە كۆپ ئەركىن شىكەر قۇبۇل قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر كۈنلۈك ئەركىن شىكەردىن كىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ %10دىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بۇ مىقدار چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەخمىنەن 50گرام شىكەرگە توغرا كىلىدۇ.

مىۋە-چىۋىلەر بىزگە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ

    مىۋە-چىۋە تەركىبىدە شىكەر بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا نۇرۇغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بولۇپ، بىزنىڭ يىمەكلىك ئىستىمالى تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ، ساغلاملىقىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ؛ باشقا ئەركىن شىكەرلەرنىڭ بۇنداق رولى بولمايدۇ.

    مىۋە-چىۋىلەر يىمەكلىك تالالىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى. بىر تال بانان تەركىبىدە ئوتتۇرا ھىسابتا 6 گىرام تالا بار بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ%25-20نى ئىگەللەيدۇ. ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر تەركىبىدە يىتەرلىك تالا بولۇش، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى يىمەكلىكتىن تالا قوبۇل قىلىش مىقدارىمىز ئۆلچەمدىن خېلىلا يېراق؛ يەنى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلغان مىقدارنىڭ يېرىمىنىلا يىيەلەيدۇ. بۇندىن باشقا مىۋە-چىۋىلەر يەنە باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭمۇ مۇھىم كىلىش مەنبەسى بولۇپ، كالىي ماددىسىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، فلاۋوننىڭ بولسا يۈرەك كىسەللىكلىرى خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.

    تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، مىۋە-چىۋىنى پۈتۈن يەۋەتسە، راك كىسەللىكى، سېمىزلىك ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يىمەكلىك تەۋسىيىسىدە، ھەممىسى كىشىلەرنى مىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، بولۇپمۇ كۆكتات ئىستىمال قىلىش  تەكلىپىنى بىرىدۇ。

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号