تۆۋەندىكىدەك " مىۋە-چىۋە كىسەللىكى "دىن ساقلىنىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 39637:قېتىم كورۇلدى

 " لىجى مىۋىسى كىسىلى "

 

    لىجى مىۋىسىنىڭ مىۋە شىكىرى مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مىۋە شىكىرى پارچىلىنىش ئارقىلىق زور مىقداردىكى گىلىكوزا شەكىللەندۈرىدۇ؛ بىر قېتىمدا زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، بەدەندىكى ئىنسۇلىننى گىلىكوزىنى پارچىلاشقا غىدىقلاپ، ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ قان شىكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا لىجى مىۋىسى ئىسسىق تەبىئەتلىك مىۋە بولۇپ، كۆپ يەۋەلغاندا ئاسانلا قوقاقلىتىپ، قىزىشىش، ئېغىز بوشلۇقى يارا بولۇش، قەۋزىيەت، چىش ئاغرىش قاتارلىق كۆپ خىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    لىجى مىۋىسىنى كۆپ يىيىشكە، ئاچ قورساق يىيىشكىمۇ بولمايدۇ؛ كۈندىلىك ئىستىمال قىلىش مىقدارى 300گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ھەر قىتىمدا 5 تىن ئېشىپ كەتمەسلىگى، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كىيىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش لازىم. 

 

"شاپتۇل كىسىلى "

 

    شاپتۇل تالالىرى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش ئۈنۈمى بار. ئەمما شاپتۇل تەركىبىدە پىكتىن تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، كۆپ يەۋالغاندا، ئاسانلا قورساق ئىسىلىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش خارەكتىرىدىكى كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    شاپتۇل يىيىشتىن ئاۋال، تۇز بىلەن شاپتۇلنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىۋاستە سۈرتۈپ كەينىدىن سۇ بىلەن چايقىۋەتسەك، شاپتۇلنىڭ سىرتقى پوستىدىكى تۈكلەرنى پاكىزە چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر يىڭى ئۈزگەن شاپتۇل بولسا، دەرھال يىمەستىن بەلكى يېرىم كۈن ساقلاپ، تۇمۇز ئىسسقلىرى تاراپ كەتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش، بىر كۈندە ئىككىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.

 

" مانگو كىسىلى "

 

    مانگو ھۆل تەبىئەتلىك بولۇپ، تىرە كىسەللىكى ۋە ئۆسمە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دوستلار ئەڭ ياخشىسى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك. ھۆل تەمرەتكە، يىرىڭلىق چاقا قاتارلىق تىرە كىسەللىكلىرى ۋە سۇلۇق ئىششىق، پۇت پۇراش قاتارلىق ئىچكى كىسەللىكلەر ھەممىسى " ھۆللىك " سەۋەبىدىن بولىدىغان بولۇپ، ھۆل تەبىئەتلىك كىشىلەر مانگو ئىستىمال قىلسا، كىسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىش خەتىرى بار. ئۇندىن باشقا غەرپچە تىبابەتتىمۇ مانگونى زىققا كىسىلى بارلار پەرھىز تۇتۇشى كىرەك بولغان يىمەكلىك قاتارىغا تىزىدىغان بولۇپ، مانگو بەدىنىگە ئەكىس تەسىر كۆرسەتمىگەن تەقدىردىمۇ، يىگەن ھامانلا ئاۋازى چىقماي قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.

 

" ئالۇچا كىسىلى "

 

    پىشقان ئالۇچىنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش ئۈنۈمى بار. ئەمما ئالۇچىنىڭ مىۋە كىسلاتاسى تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ يەۋەلغاندا، ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ؛ كىچىك بالىلارنىڭ كۆپ يىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كەمچىل بولغانلار، تاماقتىن كىيىن بەك تويۇنۇپ قورسىقى ئىسىلىپ قالغانلار، قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار مۇۋاپىق مىقداردا يىسە بولىدۇ. دىققەت قىلىش كىرەككى، پىشمىغان كۆك ئالۇچىنى ھەرگىز يىيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرلىدۇ.

 

" دۇريان مىۋىسى كىسىلى "

 

    دۇريان مىۋىسى گەرچە قۇۋۋەت تۇلۇقلايدىغان مىۋە بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ مۇئەننەسلىكى ئاجىز مىجەزلىك كىشىلەر كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ. جوڭگۇ تىبابىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا، دۇريان مىۋىسىنىڭ ئىسسىقلىق تەبىئىتى ناھايىتى زور بولۇپ، كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ؛ كۆپ يەۋەلغاندا، يۇقۇملىنىش خارەكتىرىدىكى كىسەللىكلەرنى ئېغىرلىتىۋىدۇ؛ مەسىلەن كاناي ياللۇغىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号