دانلىق زىرائەتلەر گەرچە ئۈچەي يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما تىرە ساغلاملىقىغا بەزى بىر تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدىكى پىرولامىن ئاقسىلى ئۆز بەدىنى ئىممونت كۈچى خارەكتىرىدىكى تىرە رىئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانتىتېلا ۋە تىرە ئىنىزىمىنى قارمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدىكى ئاگلۇتىنىن ياللۇغ كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزىبىر ئاقسىللار زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدىكى تارماق زەنجىرلىك كىراخمال قان شىكىرى ۋە ئىنسۇلىننىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىرىنى غىدىقلايدىغان ئىنسۇلىنسىمان ئۆسۈش فاكتورى ( IGF-1 ) غا ئوخشاش ھورمۇننى پەيدا قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە، كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى دانلىق زىرائەتلەرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدىغان بىر نەچچە خىل تىرە كىسەللىكىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى:
1. دانىخورەك

دانىخورەك ھازىرقى زامان ياشلىرى ۋە قورامىغا يەتكەنلەردە ئومۇميۈزلۈك كۆرلىدىغان بىر خىل تىرە كىسەللىكى بولۇپ، ئىپتىدائى جەمىئەتتىكى كىشىلەرگە بۇ خىلدىكى تىرە كىسەللىكى ناتۇنۇش. ئىنسانشۇناسلار پاپۇئا يىڭى گېۋىنىيىدىكى بەزى ئاراللاردىكى يەرلىك ئاھالە ۋو پاراگۋايدىكى ئوۋچىلارغا قارىتا ئۈچ يىللىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردا ھېچقانداق دانىخورەك يوقلۇقىنى بايقىغان. ئۇ ئىنسانشۇناسلار دانىخورەك—پەيدا قىلغۇچى ئىنسۇلىن ۋە ئىنسۇلىنسىمان ئۆسۈش فاكتورى ( IGF-1 ) بىرىكىپ ھاسىل قىلغان يىمەكلىك تەرپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دەپ پەرەز قىلغان. ھەرقانداق دانلىق زىرائەتلەر قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسۇلىن ۋە ئىنسۇلىنسىمان ئۆسۈش فاكتورى( IGF-1 ) نىڭ مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ سەۋەبلىك يۈز قىسىمغا دانىخورەك چىقىدۇ.
2. ياغ تەپچىيدىغان تىرە ياللۇغى

بۇ خىل كۆپ كۈرلىدىغان قىزىل رەڭلىك ئەسۋە ئادەتتە بۇرۇننىڭ ئىككى يېنى، قاش، كۆكرەك، دۈمچە قىسىم ۋە باش تىرىسى( يەنى، ئاتالمىش باش كىپىكى ) قاتارلىقلاردا كۆرلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى بىر خىل مالا رەڭلىك زەمبۇرۇغى دەپ ئاتىلىدىغان زەمبۇرۇغ تەرپىدىن شەكىللەندۈرلىدۇ. ئەمما قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، ياغ تەپچىمەيدىغان تىرە ياللۇغى بىمارلىرى بەدىنىدىمۇ بۇ خىلدىكى زەمبۇرۇغ بار . تىرىدىن ياغ تەپچىرەش ئادەتتە دانلىق زىرائەتلەرنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۈرلىدۇ.
3. تەڭگە تەمرەتكە

تەڭگە تەمرەتكە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، ھەتتا ئادەمنىڭ چىرايىنى بۇزۇۋىتىدىغان بىر خىل تىرە تەمرەتكىسى بولۇپ، كۆپىنچە قاش، تىز قىسمى، باش تىرىسى ۋە دۈمچە قىسمغا چىقىدۇ. تەڭگە تەمرەتكىسىنىڭ كىسەللىك سەۋەبى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى دانلىق زىرائەت تەركىبىدىكى پىرولامىن ئاقسىلىغا قارىتا ئىممونت ئىنكاسى پەيدا قىلىپ، كىراخمال ئىنزىمىنىڭ ئامىلازا ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولغان ئىنكاسى نىسبەتەن ئاجىز بولغانلىقىدۇر.
4. ھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەر خىل سەۋەبلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە سەزگۈرلۈك رىئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ تىلغا ئېلىنغان بۇ يىمەكلىك بولسا، خاسىڭ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، دادۇر، بېلىق گۆشى، تۇخۇم ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوغداي، قارا بوغداي، ئارپا قاتارلىقلار تەركىبىدە ھۆل تەمرەتكە، زىققا كىسىلى ۋە باشقا رىئاكسىيە خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل ئاقسىللار بار. بەزى ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرى مەلۇم دانلىق زىرائەتنى ئىستىمال قىلىشتىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن، كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
خۇلاسە: ئەگەر سىزدە ساقايماي كىلىۋاتقان تىرە كىسەللىكى بولۇپ قالسا، كۈندە ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلىرىڭىز ئارىسىدىن بەلگۈلۈك دانلىق زىرائەتنى چىقىرۋىتىپ، قايتا-قايتا سىناش ئارقىلىق قايسى خىلدىكى دانلىق زىرائەت سىزنىڭ تىرە كىسىلىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تېپىپ چىقىڭ!

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن
ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى
سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر
گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك
تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!
مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号