ياز كۈنلىرى مىۋە-چىۋە پەسلى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مىۋە-چىۋىلەر ھېچقانداق زىيىنى يوق، قانچىلىك يىسىڭىزمۇ بەدىنىڭىزگە زىيىنى يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ؛ بولۇپمۇ خانىم-قىزلىرىمىز يازدا تاماق يىگۈسى كەلمىسە، مىۋە-چىۋە يەپ قورسىقىنى توقلاپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتمەكچى بولىدۇ.

ئەمىلىيەتتە، مىۋە-چىۋىلەر گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما يەيمەن دەپلا يىيىشكە بولمايدۇ! مىۋە-چىۋىلەرنىڭمۇ " تەبىئىتى" بار بولۇپ، توغرا بولمىغان مىۋە-چىۋە يىيىش ئۇسۇلى ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، ئوخشاشلا كىسەللىك ئېلىپ كىلىدۇ!
مىۋە-چىۋىلەرنىڭمۇ "تەبىئىتى" بار بولۇپ، سۇغۇق، ئىسسىق ۋە مۆتىدىل دەپ ئايرىلىدۇ؛ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق مىۋىلەرنى يىسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
تەبىئىتى سۇغۇق كەلگەن مىۋىلەر
ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان تاۋۇز، نەشپۈت، تاغ بامبۇكى، قوغۇنەك، مايمۇن شاپتولى، چوڭ ئاپلىسىن، نارجىل، ئۈژمە قاتارلىقلار تەبىئىتى سۇغۇق كەلگەن مىۋىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ئىسسق يەل ھەيدەش ئۈنۈمى بار؛ چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش، ئېغىزى قۇرۇپ كىتىش، كىچىك تەرەت ئاز ھەم سېرىق رەڭدە كىلىش، چوڭ تەرىتى قېتىپ قېلىش قاتارلىق قوقاقلىق كىسەللەرگە قارىتا ناھايىتى كۈرنەرلىك ئۈنۈمى بار.

ئادەتتە، ھۆل ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ يازدا مىتابولىزىم ئىقتىدارى كۈچىيىپ، سىمپاتىك نىرۋىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، تەر كۆپ چىقىدۇ؛ يۈزلىرى قىزىرىپ، ئېغىزى قۇرۇپ قالىدۇ؛ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىپ، ياز كۈنلىرى سۇغۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يۇقارقى خىلدىكى كىشىلەر سۇغۇق تەبىئەتلىك مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىش كىرەككى، ئاشقازان-ئۈچەي فونكىسىيىسى ياخشى بولمىغان چوڭلار بىلەن بالىلار، بۇ خىلدىكى تەبىئىتى سۇغۇق مىۋىلەرنى يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ ئەگەر يىگۈسى كىلىپ كەتسە، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئاز مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپ مىقداردا يىمەسلىكى كىرەك.

تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان مىۋە-چىۋىلەر
ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالما، ئۈزۈم، لىمون، شىكەر قۇمۇشى، مانگو، ئاناناس قاتارلىق مىۋىلەر مۆتىدىل تەبىئەتلىك مىۋىلەردۇر.

بۇ خىلدىكى مىۋىلەر كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەرخىل مىجەزلىك كىشىلەر يىسە زىيادە تەسىرى بولمايدۇ، كۆپرەك يىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق.

ئىسسىق تەبىئەتلىك مىۋە-چىۋىلەر
كاشتان، شاپتۇل، لونگان، گىلاس، چىلان، ئاپلىسىن قاتارلىق تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەر ئىسسق تەبىئەتلىك مىۋىلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنىڭ ئىسسقنى ئاشۇرۇپ قۇۋۋەتلەش رولى بار؛ ئۇندىن باشقا يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم بەدىنى مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

بۇ خىلدىكى مىۋىلەر سۇغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ. ئادەتتە سۇغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ بەدىنى قۇۋۋەتسىز كىلىدىغان بولۇپ، ئاساسى مىتابولىزىم نىسبىتى تۆۋەن، بەدىنىدە شەكىللەنگەن ئىسسقلىق مىقدارى ئاز كىلىدۇ؛ بۇنداق كىشىلەرنىڭ پۇت قولى، ياز كۈنلىرىدىمۇ سۇغۇق تۇرىدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي باشقا خىلدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئاق كىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئۇسسايدۇ، سۇغۇن نەرسىلەرگە يېقىنلىشىشنى ھەم ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىشىلەر تەبىئىتى ئىسسىق بولغان مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، سۇغۇقنى ھەيدەشكە زور پايدىسى بولىدۇ.


نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ
ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى
كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن
ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى
سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر
گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号