توڭلىتىلغان گۆشنى قايسى ئۇسۇلدا تىز ئىرىتىشكە بولىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 22236:قېتىم كورۇلدى

    ئادەتتە يىڭىدىن بوغۇزلىنىپ تەييارلانغان گۆشلەردە، باكتىرىيەلەر تېخىمۇ ئاسان كۆپىيىۋالىدۇ، ئەمما توڭلىتىلغان گۆشتە بۇنداق مەسىلىلەر بولمايدۇ. ئەمما توڭلىتىلغان گۆشنى ئىرىتىش بىر ئاۋارىچىلىق ئىش بولۇپ، ئادەتتە بىر ھازا ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە قانداق چارە قىلىش كىرەك؟

1. ئاليومىن داس ئارقىلىق توڭلىغان گۆشنى ئىرىتىش

    ئالدى بىلەن ئاليومىن داستىن بىرنى جوزىغا دۈم قىلىپ قويىمىز؛ ئاندىن توڭلىغان گۆشنى ئاليومىن داسنىڭ تەگ قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنە بىر ئاليومىن داسنىڭ تىگىنى تۆۋەنگە قارىتىپ گۆشنى بېسىپ قويىمىز؛ تەخمىنەن 5 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن گۆش ئىرىيدۇ. بۇ ئاليومىنلىق بويۇملارنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلانغانلىق بولۇپ، توڭلىغان گۆشنى ئىككى ئاليومىن داسنىڭ ئوتتۇرسىدا قىسىپ قويغاندا، توڭلىغان گۆش ئاليومىن داستىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاۋا بىلەن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرىدۇ؛ مۇشۇنداق توختىماي ئىسسقلىق ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، توڭلىغان گۆش ئاسانلا ئىرىيدۇ.

2.  تۇز سۈيى ياكى ئاچچىقسۇدىن پايدىلىنىپ ئىرىتىش

   توڭلىتىلغان گۆشنى توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە 2-1سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قويساق، توڭلاقلىق گۆش ئازراق يۇمشايدۇ. ئۇندىن كىيىن گۆشنى تۇز سۈيىگە چىلىساق، تەلتۈكۈس ئىرىيدۇ، ھەم باكتىرىيە پەيدا بولىۋالمايدۇ. بۇ تۇز سۈيىنىڭ مۇزنىڭ ئىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولغانلىقىدىندۇر. ئۇندىن باشقا تۇرۇبا سۈيى گۆش ئىرىتىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ يەنە ئۇچلۇق بىرە نەرسىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن، توڭلاغلىق گۆشنىڭ ئۇيەر-بۇ يىرىگە سانجىپ قويساق، ئىرىشنىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىدۇ.

3. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن پايدىلىنىپ ئىرىتكەندە، تۆۋەن ئوت ئىشلىتىش

    مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن پايدىلىنىپ توڭلىغان گۆشنى ئىرىتكەندا، چوقۇم ئەڭ تۆۋەن ئوتتا ئىرىتىش، ھەمدە قەدەممۇ-قەدەم ئىرىتىش كىرەك. دەسلەپ باشلانغاندا ئاۋال ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قىزىتقاندىن كىيىن، گۆشنىڭ ئىرىگەن ئەھۋالىغا قاراپ يەنە داۋاملىق قىزىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ، ئىرىگۈچە تۆۋەن ئوتتا قىزىتىپ بىرىش كىرەك؛ ئەمما باشلىنىشتىلا بىراقلا 10مىنۇت قىزىتىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.

4. توڭلاتماقچى بولغان گۆشنى توڭلاتقۇغا كىچىك پارچىلاپ ياكى تۈز يېيىلدۇرۇپ سېلىش

 توڭلاتماقچى بولغان گۆشنى توڭلىتىشتىن بۇرۇن، ئاۋال كىچىك پارچىلاپ، بىر قېتىملىق تاماق ئىتىدىغان مىقدارنى بىر خالتىغا سېلىپ توڭلاتسىڭىز بولىدۇ؛ ياكى سۆڭەكلىك گۆشلەرنى قاتلىما يايغانغا ئوخشاش تۈز ياتقۇزۇپ سالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا گۆشنى ئىرىتكەندە ئىسسقلىق ئۆتۈش يۈزى كېڭىيىپ، ئىسسقلىق ئۆتۈش تەكشى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ گۆشنىڭ ئىرىشىمۇ تىز بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号