بوغداينىڭ دورىلىق ئۈنۈملىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8025:قېتىم كورۇلدى

    بوغداي—ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئاساسلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنى كىلىش مەنبەسى. بىز ئادەتتە بوغدايدا ئۇن تارتىپ ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ يەيمىز؛ ئەمىلىيەتتە بوغداينى كۈتۈنۈشتىكى دورا يىمەكلىكى قاتارىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە بوغدايدىن تەييارلانغان بىر نەچچە تۈرلۈك دورىلىق تائاملارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

1. بوغداي ئېشى

كىتەرلىك ماتىريال:

    بوغداي 150گىرام، مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىل شىكەر.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

    بوغداينى پاكىزە خىللاپ تازىلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ،50-40مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز؛ قىزىل شىكەرگە ئازراق سۇ قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا قاينىتىپ قىرام قىلغاندىن كىيىن پىشىپ تەييار بولغان بوغداينىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۋەتسەك، بوغداي ئېشى تەييار بولىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    ئىلمان ھالەتتە، كۈندە بىر ۋاخ ئىستىمال قىلىش.

ئۈنۈمى:

    جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ قان توختىتىدۇ.

ماس كىلىدىغان كىشىلەر:

    ھەيىز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن ئاياللار ۋە بالىياتقۇدىن قەرەلسىز قان كىتىپ توختىماسلىق كىسىلى بار ئاياللار

 

2. بوغداي يۇمىلاق گۈرۈچ شورۋىگۈرۈچى

كىتەرلىك ماتىريال:

    بوغداي30گىرام، يۇمىلاق گۈرۈچ100گىرام، چىلان 5 تال

تەييارلاش ئۇسۇلى:

    بوغداينى پاكىزە يۇيۇپ سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، بوغداينى سۈزۈۋىلىپ سۈينى ئېلىپ قالىمىز؛ پاكىزە يۇيۇلغان يۇمىلاق گۈرۈچ ۋە چىلاننى بوغداي قايناتقان سۇغا سېلىپ قاينىتىپ شورۋىگۈرۈچ تەييارلايمىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ئۈنۈمى:

    ئۆتنى قۇۋۋەتلەپ ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ قۇرۇق تەرلەشنى توختىتىدۇ.

ماس كىلىدىغان كىشىلەر:

    كىچىك بالىلاردىكى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشقا قارىتا قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.

 

3. بوغداي تىتراپاناتسىيە چاتقىلى(通草) ئومىچى

كىتەرلىك ماتىريال:

   بوغداي 250 گىرام، تىتراپاناتسىيە چاتقىلى 30 گىرام

تەييارلاش ئۇسۇلى:

   بوغداينىڭ سىرتقى پوستىنى ئېلىۋىتىپ، تىتراپاناتسىيە چاتقىلىنى ئىزىپ ئۇششاق ھالەتكە ئەكەلگەندىن كىيىن، بىرلىكتە قازانغا سېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلايمىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

   ئۈچكە بۆلۈپ ئىستىمال قىلىمىز

ئۈنۈمى:

    ئىسسىقنى ياندۇرۇپ كىچىك تەرەتنى ھەيدەيدۇ؛ يۈرەك بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ

ماس كىلىدىغان كىشىلەر:

   چوڭلاردىكى مەزى بېزى ئىششىپ قېلىش، ھۆل ئىسسىق كەتمەسلىك، كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كىلىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارغا ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号