سەھنىدە مېڭىۋىتىپ بالىسىنى ئىمىتكەن كىيىم مودىلى مۇنازىرە ئىچىدە قالدى!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8229:قېتىم كورۇلدى

18-ئىيولدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامرىكا مىچىگىن شىتاتىدىكى بىر ئايال كىيىم مودىلى، شۇ يەر ۋاقتى15-ئىيول مىئامى شەھرىگە مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا بارغاندا،سەھنىدە 5 ئايلىق بولغان قىزىنى ئىمىتكەچ مودىللىقتا ماڭغان. بۇ ئەھۋال كەڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر قىلىشى ۋە تالاش تارتىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ قوللىغۇچىلار بۇ ئايال مودىلنى ناھايىتى جاسارەتلىك ئىكەن دەپ قارىغان، ئەمما قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنى بۇ ئارقىلىق داڭ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.  بۇ خەۋەرنىڭ باش پىرسوناژى بولسا، بۇ پەقەت بىر ئانىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بالىسىنى ئىمىتىشى بولۇپ، گىزىتكە چىقىرىپ خەۋەر قىلغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

    بۇ ئايال مودىلنىڭ ئىسمى مارا.مارتىن بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ Sports lllustrated نىڭ يىللىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى كۆرگەزمىسىگە مودىللىقتا مېڭىش ئۈچۈن قاتناشقان؛ ئۇ سەھنىدە مودىللىقتا مېڭىپ ماھارەت كۆرسەتكەندە، بالىسىنى ئىمىتكەچ ماھارەت كۆرسەتكەن؛ ئۇ بالىسىنىڭ مۇزىكا ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئاۋازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىقىغا نائۇشنىڭ تاقاپ قويغان؛ ئۆزى بولسا چىرايىدا كۈلكە سىمالىرى جىلۋە قىلغان، قەدەملىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تولغان بولۇپ، نەق مەيداندا ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

    بۇ ۋەقە توردا ناھايىتى قىزغىن مۇنازىرلەرنى قوزغىغان؛ بەزىلەر ئۇنى جاسارەتلىك دەپ ماختاپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەھنىدە بالىسىنى ئىمىتىشىنى " نۇرمال ئەھۋال" قىلىشقا تىرىشقان؛ ئەمما يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر ئۇنى سەھنىدە كۆكسىنى ئۇچۇق قويۇشقا تايىنىپ داڭ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەن. دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، مارتىن بۇ ئىشقا قارىتا ناھايىتى ھەيران قالغانلىغىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ ئىژتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كىيىن، ئۆزى قىزى بىلەن كۈندە نەچچە قېتىم قىلىدىغان ئىشنىڭ گىزىتنىڭ باش بېتىگە چىققانلىغىنى كۆرگەنلىگىنى، بۇنىڭ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号