خىزمەت جەريانىدا يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق ساقلاش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9447:قېتىم كورۇلدى

   ئاتاقلىق ئەدىب رومان.روللاند مۇنداق دىگەن: گۈزەل نەرسىلەر ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىقىدىن كىلىدۇ.

   خىزمەت جەريانىدا، ئەر-ئايال خىزمەتداشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىتەرەپ قىلمىغاندا، ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق ئەكىلىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ ئوبرازىغىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئەر-ئايال خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتىدىكى بەزىبىر قائىدە-پىرىنسىپلار ناھايىتى زۈرۈر بولغان ھىسابلىنىدۇ.

گەپ-سۆز قىلىش قائىدىسى

   ئەر-ئايال خىزمەتداشلارنىڭ  ئىشخانىدا قىلغان گەپ-سۆزلىرى لايىقىدا بولۇشى لازىم. ئادەتتە بەزى ئەرلەر نىسبەتەن قوپال ۋە سەت گەپلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئىشخانىدا يۈز بەرمەسلىكى لازىم، بولۇپمۇ ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا، ئۇلارنىڭ سىزنى ئۆزىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ساقلانماق لازىم. ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنى ماختاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، شەھۋەتكە يېتىپ قالىدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ خاتا چۈشەنچىسىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

كىيىنىش قائىدىسى

   ئىشخانا ئۇچرىشىش سورۇنلىرى ئەمەس، تۇرمۇش سورۇنلىرىمۇ ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ يات جىنىسلىق سىھرى كۈچىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان جاي تېخىمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ ئاياللار ئۆزىنىڭ كىيىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمىقى زۆرۈر؛ تەننازلىقىمنى نامايان قىلىمەن دەپ زىيادە قىسقا ۋە ئوچۇق كەلگەن كىيىملەرنى كەيمەسلىكى لازىم.

ھەرىكەت-قىلىمىش قائىدىسى

   ئاياللار ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا بەزىبىر قىزىقتۇرۇش خارەكتىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى—مەسىلەن ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا چېچىنى تاراش ياكى چېچىنى ئويناش، ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ كىيىمىنى سىيپاش، چېچى بىلەن ئەر خىزمەتدېشىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم؛

ئالاقە قىلىش قائىدىسى

   ئىشخانىدا، يات جىنىسلىق خىزمەتداشلار ئالاقە قىلغاندا دائىرنى ياخشى كونتىرول قىلىش، ئالاقە لايىقىدا بولۇشى كىرەك. ئادەتتە يات جىنىسلىق خىزمەتداشلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئەڭ ياخشىسى شەخسى تۇرمۇشىنى سۆرەپ ئەكىرمەسلىك كىرەك؛ بولۇپمۇ ئۆيىدىكى ئىرى(ئايالى) بىلەن بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يات جىنىسلىق خىزمەتداشلىرىغا سۆزلەپ بىرىش تېخىمۇ ياخشى ئەمەس، بولمىسا قارشى تەرەپ سىزنى ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىش نىيىتى بار ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچى قاتارىدا كۈرۈپ قالسا، سىز ئۇنىڭغا تۇرمۇشىڭىزدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قارىتا ھىسيات تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن بۇرۇنراق ساقلانغىلى بولىدۇ.

   ئۇندىن باشقا، خىزمەت جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بولۇپ، خىزمەتنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىرەك. جىنسى ئايرىمىسى ئامىلىغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەي، ئەڭ ياخشىسى جىنسى ئايرىمىسى قارىشىنى يوق قىلىپ، خىزمەتتە ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىماي ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى توغۇرلىشى كىرەك.

   شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، ئىشخانىدا ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى ئەي-ئايال خىزمەتداشلاردا زىيادە يېقىنلىق شەكىللىنىش بولۇپ، مەيلى ئايال خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى رەھبىرىڭىز ۋە قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ نوقتىنەزىرىدىن بولسۇن، ئۇنداق زىيادە يېقىنلىق مۇناسىۋەت خىزمەتتىكى ئەڭ چوڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号