باشقىلار نىمە قىل دىسە شۇنى قىلسىڭىز، ئاخىرىدا بېرىپ " مالاي" غا ئايلىنىپ قالىسىز؛ باشقىلار سىزگە ئىھتىياجلىق بولغاندا پەيدا بولۇپ، لازىمىڭىز قالمىغاندا يوقاپ كەتسىڭىز، ئاخىرىدا ئاستا-ئاستا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز.

بەزىدە باشقىلار سىزنىڭ ياردەملىشىپ بىرە ئىشنى قىلىشىپ بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلغاندا، ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلالىسىڭىز، كۆپ بولسا ناھايىتى شۇ "ياخشى ئادەم"دىگەن ئاتاققا ئىرىشىسىز؛ ئىشنى ياخشى قىلالمىسىڭىز، كۈچ ۋە ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپلا قالماي، باشقىلارمۇ خوش بولمايدۇ، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىز.

مەيلى ئادەم بولۇش بولسۇن ياكى ئىش قىلىش بولسۇن، رەت قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك؛ رەت قىلىشنى بىلمەيدىغانلار ئۆزىنى چارچىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ ھەقىقى ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى باشقىلار سىزنىڭ بويسۇنۇشىڭىزغا ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، سىزنىڭ ھەر ئىشقا ماقۇللا دىيىشىڭىز ئاللىقاچان سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىزغا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.

بىلىشىڭىز كىرەككى، سىزنى تەڭلىكتە قويغان ئادەم ئەسلىدىنلا سىزگە ئۇنچە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيدىغان ئادەمدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قەدىرىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ؛ باشقىلارنى رەنجىتىپ سېلىشتىن قورقماڭ، چۈنكى پىرىنسىپاللىقى بار كىشىلەردىن ھەرقانداق ئادەم تارتىنىدۇ.

ھازىرقى ناھايىتى ئەمىلىيەتچىل ھەم مۇرەككەپ كەلگەن جەمىئىتىمىزدە، ياخشىچاق بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار قارشى ئېلىنىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى؛ ئاز-تولا ئاچچىقى بار بۇلۇشمۇ سىزنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىڭىزدۇر. ئېغىزىڭىزنىڭ ئۇچىغا كىلىپ بولغان سۆزنى يۇتۇۋەتسىڭىز، ئەلۋەتتە پىشىپ يىتىلگىنىڭىز ھىسابلىنىدۇ، ئەمما سۆزلەشكە تىگىشلىك بولغىنىنى سۆزلىشىڭىز، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزدۇر.

ئادەملەر خارەكتىرى يوۋاشنى بوزەك قىلىپ ياماندىن قورقىدىغان بولىدۇ؛ سىز باشقىلارنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇپ بىرىشنى بىلگىنىڭىزدە ، باشقىلار ئەكسىچە سىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەتتا سىزدىن تارتىنىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.

باشتىن كەچۈرگىنىڭىز كۆپ بولغانسىرى، " رەھىمسىزرەك بولۇشنىڭ يامىنى يوق" دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزگە تېخىمۇ ئىشىنىسىز؛ بۇندىن كىيىن "كىشى ماڭا چېقىلمىسا، مەن كىشىگە چېقىلمايمەن؛ كىشى ماڭا چېقىلسا، مەن بولدى قىلمايمەن؛ قەستەن چاتاق تاپمايمەن، ئەمما چاتاق مىنى تېپىپ قالسا قورقۇپ ئولتۇرمايمەن" دىيىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号