1. ئوبراز
"ئوبرازى ياخشى،سالاپىتى بار". چىرايىغا قاراپ باھا بىرىدىغان ھازىرقى جەمىئىتىمىزدە،چىرايلىق كەلگەن ئوبرازىڭىز سىزگە مۇتلەق نۇمۇر قوشىدۇ.نەپىس قىلغان گىرىمىڭىز،رەتلىك ۋە يارىشىملىق كەلگەن كىيىنىشىڭىز،سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى ياخشى يارىتىشتىكى مۇھىم قورالىڭىزدۇر.

2. كىشىلىك مۇناسىۋەت
پىكىرلىشىشكە ماھىر بولغانلارغا پۇرسەت كۆپ كىلىدۇ؛سىز ئاۋال كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك،چۈنكى كۆڭۈك قويۇپ ئاڭلىغىنىڭىزدىلا پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز؛ئۇندىن قالسا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىشىڭىز،ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بۇلۇشىڭىز لازىم،مۇشۇنداق بولغاندىلا سىزننىڭ قابىلىيىتىڭىزنى تۇنۇپ يىتەلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇچرىشالايسىز.

3. پوزىتسىيە
ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتسىيىسىنى توغۇرلىشىڭىز كىرەك؛مۇمكىن ئەمەس دىمەي،مەن سىناپ باقاي دەڭ؛مەن بولالمىدىم دىمەي،مەن پەقەت ئازراق چارچاپ قالدىم دەڭ؛مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن دىمەي، مەن بېرىپ ئىزدىنىپ باقاي دەڭ؛قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەندە رىقابەتنى يۈزتۇرانە قۇبۇل قىلىڭ،ھەرگىز قورقۇپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.

4. تەپەككۇر
سىز مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىڭىز كىرەك؛باشقىلار نىمە دىسە شۇنىڭغا باش لىڭشىتىشتىن ساقلىنىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بولسۇن.بۇ شەكىلسىز كەلگەن بىرخىل ناھايىتى قىممەتلىك بايلىق بۇلۇپ،سىزگە شەكىللىك بايلىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ.

5. ئۈنۈم
قانچىلىك سىمىنا قوشۇپ ئىشلىگىنىڭىز ۋە قانچىلىك جاپا تارتقىنىڭىزنى سۆزلەپ يۈرمەڭ،چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە نەتىجە يارىتالىسىڭىز ،بۇ ئاندىن ئۈنۈم بۇلىدۇ.ھازىرقى جەمىئىتىمىزدە سىزنىڭ تۆھپىڭىزگە قارايدۇ،جاپايىڭىز بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق.

6. تۇنۇش بىلىشلىرىڭىز
بىر ئادەمنىڭ يامان ياكى يۇۋاشلىقىنى ئۇنىڭ تېلفون ئىكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تېلفۇن خاتىرسىدىكى ئالاقىلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ كىملىكىگە قارايمىز.دوستلار چەمبىرىكىنى بوش چاغلىماڭ،بۇ مىنۇتتىلا نۇرغۇن "چوڭ"ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىۋىتىدىغان جايدۇر.

7. ئۆزىنى كونتىرول قىلىش
ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىش،ئۆزىنىڭ ئىستەك-ھەۋەسلىرىنى كونتىرول قىلىش،ئۆزىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى كونتىرول قىلىش. ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ كونتىرول قىلالمايدىغان ئادەم،كىشىلىك ھاياتىنى قانداقمۇ كونتىرول قىلالىسۇن؟ئۆزىڭىزنىڭ ئىستەك ھەۋەسلىرىڭىزنى كونتىرول قىلالىسىڭىز،سىز ئاندىن "ئىستەكسىز ئادەم پولاتتەك مۇستەھكەم كىلىدىغان" ھالەتكە يىتەلەيسىز؛ئۆزىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى تاشلىيالىغان ئادەم ھەرگىز ناچار ئادەم ئەمەس.

8. يۆنىلىش
تىرىشىشنىڭمۇ بىر يۆنىلىشى بولمىسا بولمايدۇ،بولمىغاندا ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلغاندىن باشقا ئىش يوق. كەسپى ھاياتىڭىزدا سىز بىر قاتار تاللاشلارغا دۇچ كىلىسىز ،ھەر بىر قېتىملىق تاللىشىڭىز،سىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق پۇرسەتتۇر.

9. قىممىتىڭىز
بەزى ۋاقىتلاردا خوجايىنىڭىز سىزگە نەچچە پۇل مائاش بىرىدۇ ئەمەس،بەلكى سىزنىڭ ئۆز قىممىتىڭىز سىزنىڭ نەچچىلىك مائاش ئېلىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.ئىقتىدارىڭىز قانچىلىك يۇقىرى بولسا ،كىرىمىڭىز شۇنچىلىك يۇقىرى بۇلىدۇ .شۇڭلاشقا ئۆزلۈكسىز يىڭى تېخنىكا ۋە ماھارەتلەرنى ئۈگىنىش ،سىزنىڭ ئۆز قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر بولغان ئۇسۇلى.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号