قاندىكى ئەخلەتلەرنىڭ تەبىئى دۈشمىنى،يىمىسىڭىز ئۆزىڭىزگە زىيان!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8504:ئادەم ئۆگەندى

    رەڭلىك داغ،قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قاندىكى ئەخلەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇلۇپ،قاندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ چىقىرۋەتكەندە، ئاندىن بەدەندىكى قانلىرىڭىزنى جانلاندۇرالايسىز.تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھەر بىر خىل يىمەكلىك ھەممىسى قاندىكى ئەخلەتلەرنىڭ تەبىئى دۈشمىنى بۇلۇپ،ھەر ۋاقىت يەپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماڭ!

1.     كۆكمۇچ

     بىز كۆكمۇچ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى ساناپ باقايلى — ۋىتامىن س،ۋىتامىن ئې،كاروتىن قاتارلىقلار قان قېتىشىشنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ؛ئۇندىن باشقا يەنە خىلوروفىل بار بۇلۇپ،قان تەركىبىدىكى توكسىننى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ.

     كۆكمۇچ باشقا كۆكتاتلارغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ،ئۇ پەقەت ماي بىلەن بىرلەشكەندىلا، ۋىتامىن س ۋە كاروتىن بەدەنگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرلىدۇ.شۇڭلاشقا كۆكمۇچنى ئەڭ ياخشىسى،كاۋاۋىچىن،زەنجىۋىل پارچىسى،سوڭپىياز،كالا پۇت سىڭىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يۇقىرى ئوتتا قورۇپ يىسىڭىز بۇلىدۇ.

2.     مايمۇن شاپتۇلى

   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن س نىڭ مىقدارى خېلىلا مول؛ھەر 100گىرام مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدە 69مىللىگىرام ۋىتامىن س بۇلۇپ،كوللاگىن بىرىكتۈرۈشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتىريالنىڭ بىرسى.مايمۇن شاپتۇلىنىڭ قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى تەڭشەش رولى بار.

   دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر ئىش شۇكى،مايمۇن شاپتۇلى شەربىتى سىقىپ ئىچكەن ۋاقتىڭىزدا،ئەڭ ياخشىسى پوستىنىمۇ قالدۇرۇڭ؛چۈنكى مايمۇن شاپتۇلى پوستىدىمۇ ئوخشاشلا قان تازىلىغۇچى قۇۋۋەت ماددىسى بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە شەربەتنى تېخىمۇ تەملىك قىلىدۇ.

3.     سامساق

    نۇرغۇن كىشىلەر سامساققا قەتئى يېقىن كەلمەيدۇ؛ئەمما ھازىردىن باشلاپ ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.چۈنكى سامساقنىڭ تەركىبىدىكى سامساق ماددىسى جىگەردىكى خولىتسىرىن بىرىكتۈرىدىغان ئىنىزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بۇلۇپ،بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى خولتسىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ،قاننىڭ ساغلام ھالەتتە ساقلىنىشىنى قوغدايدۇ.

    بۇندىن باشقا سامساق تەركىبىدە يەنە بىر خىل سامساق يىڭى ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان سولفىدلىق ماددا بار بۇلۇپ،بۇ ماددا قاندىكى خولتسىرىننى ئازايتىپ قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنى توسىدۇ؛يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاقسىلنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق بۇلۇپ،قان نوكچىسى شەكىللىنىشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۆۋەنلىتىدۇ.

4.     كەرەپشە

    ئىزچىل تۈردە كەرەپشە ئىستىمال قىلىشنىڭ قان بېسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بەلگىلىك تەسىرى بار بۇلۇپ،بۇ كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە كالى ئىلمىنتى ۋە كەرەپشە ماددىسى قاتارلىقلارنىڭ بولغانلىقىدىن بۇلىدۇ.كەرەپشە ئىستىمال قىلغاندا، كەرەپشىنى سۇدا قاينىتىپ،سامساق،ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ سۇغۇق سەي قىلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ ياكى كەرەپشىنى سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىستىمال قىلساقمۇ بۇلىدۇ.

5.     قارا قېرىنقولاق

     قارا قېرىنقولاقنىڭ تەركىبىدە تۈمۈر ماددىسى مول بۇلۇپ،ئۇنى داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا قارا قېرىنقولاقنىڭ خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار بۇلۇپ،داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئارتىريە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار.

6.     كۈدە

      كۈدە تەركىبىدە كالتسىي،فوسفور،تۈمۈر،قەنت ۋە ئاقسىل ۋىتامىن ئا،ۋىتامىن س،كاروتىن ۋە زور مىقداردىكى تالالىق ماددىلار بار بۇلۇپ،ئاشقازان-ئۈچەينىڭ مىدىرلىشىنى ئاشۇرۇپ،چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.

7.     ئۈزۈم

    قىزىل ئۈزۈم تەركىبىدە ئاق لويلا ئالكوگولى بار بۇلۇپ،بۇ ماددا خولىستىرىننى تەبىئى تۆۋەنلىتىدىغان ماددا.ھايۋانات تەجىربىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە،ئاق لويلا ئالكوگولى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بۇلۇپ،قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يېغىلىۋىلىشىنى توسىدۇ.شۇڭلاشقا ئۈزۈم قاننى تازىلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان مىۋە ھىسابلىنىدۇ.

       قارا ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە كالتسىي،ماگنى،كالى قاتارلىق مىنرال ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆپرەك بۇلۇپ،نىرۋىسى ئاجىزلىشىش،زىيادە چارچاش قاتارلىقلارغا كۆرنەرلىك ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.

8.     ئالما

       ئالما بولسا ئۈنۈملۈك بولغان قان تازىلىغۇچ بۇلۇپ،قان بېسىمى تۆۋەن ياكى ئارتىريە قىتىشىش كىسىلى بارلار ئالمىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كىرەك.ئالمىنىڭ يەنە لىمفا سېستىمىسى ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىمۇ بار.

     بۇندىن باشقا ئالما شەربىتىنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنى تىزلىتىش رولى بار بۇلۇپ،ياز كۈنلىرى ئەگەر تاماقتىن كىيىن بىر تال ئالما يەپ بەرسىڭىز،تەننازلىقىڭىزنى ساقلاپلا قالماي،يەنە ئاياللار كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

 

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号