خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاپئاق ۋە يۇمران كەلگەن تىرىسى بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ؛ ئەمما داۋاملىق كىچىلىرى ئۇخلىماي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەش ، خانىم قىزلارنىڭ تىرىسىنى بارغانسىرى ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ ؛ بۇنداق بولغانىكەن ، ئۇنداقتا تىرىنى ئۈنۈملۈك ئاسراشنىڭ بىرەر ياخشى ئۇسۇللىرى بارمۇ ؟ بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى كۈرۈپ باقايلى :

تىرىمىزگە سۇ تۇلۇقلاش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈز چاپلىقى چاپلاپ ، چوڭقۇر قاتلاملار ئارقىلىق تىرىنى قۇۋۋەتلەپ ، تىرىگە سۇ تەركىبى ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى تۇلۇقلاپ بىرىشىمىز لازىم . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەككى ، يۈز چاپلىقى چاپلاش قېتىم سانى كۆپ بۇلۇپ كەتمەسلىگى كىرەك ؛ ئادەتتە بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە بولسا بۇلىدۇ . ئۇندىن باشقا ھەركۈنى ئەتىگەن ئۇرنىمىزدىن تۇرغاندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋىلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم ، بۇنىڭدىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان تىرىگە سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆزگە ئاسراش ئېلىپ بېرىش
بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن كۆز قىسىم تىرىڭىزگە ئاسراش ئېلىپ بېرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ؛ كۆز بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۇيغۇ ئەزاسى ، شۇنداقلا بەدەندىكى تىرىلەر ئىچىدە ئەڭ نىپىز ۋە يۇمران كەلگەن قىسىمدۇر؛ شۇڭلاشقا كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش ، كۆز خالتىسى قاتارلىقلار بىلەن خوشلىشاي دىسەك ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆز قىسىم تىرىلىرىگە ئاسراش ئېلىپ بېرىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم . بىز ئىچىپ بولالمىغان چاي ياكى قېتىق بىلەن ، كۆز ئەتراپىدىكى تىرىلەرنى سۈرتۈپ بەرسەك بۇلىدۇ . ئادەتتە بىر ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرۇغاندىن كىيىن تىرىڭىزنىڭ كۆرنەرلىك ياخشىلىنىپ قالغىنىنى بايقايسىز .

پۇت قىسىمنى ئاسراش
ياز كۈنلىرى ، خانىم-قىزلار ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ ياكى ساپما ئاياغ كىيىۋىلىشنى ياخشى كۈرىدۇ . ئەمما بۇ ئۇزۇن داۋاملاشقاندا ، پاچاق قىسىمنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپلا قالماي ، يەنە ئاسانلا قاداق پەيدا قىلىپ قويىدۇ ؛ ئەمما سىز ئەگەردە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پاچاقنى سىلىقلاشتۇرۇش سۈتىنى تاپىنىڭىزغا تەكشى سۈرۈپ ، پاختىلىق پايپاق كىيىپ پاچاقنى سىلىقلاشتۇرۇش سۈتىنىڭ تۇلۇق سۈمۈرلىشىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلسىڭىز ، ئىككىنچى كۈنى پاچىقىڭىزنىڭ سىلىق يۇمران بۇلۇپ كەتكىنىنى بايقايسىز . قىشتا قوللىرىڭىز سوغۇقتىن يېرىلىپ كەتكەندىمۇ بۇخىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيسىز .
ئالقات چېيىدىن پايدىلىنىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش
ئادەتتە كىچىسى ئۇخلىماي ئىشلىگەندىن كىيىن ، ھەممەيلەن ئاز تولا بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، تىرە ئۆڭۈپ ساغىرىپ ۋە يېرىكلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بۇلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ ئەمىلىيەتتە بەدىنىڭىزنىڭ سىزگە چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر . شۇڭلاشقا بىر كۆپچىلىككە بىر ئىستاكان ئالقات چېيى ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ؛ بۇ كۆز قىسىمدىكى چارچاشنى زور قىسىمدا ئازايتىپ ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە ئەكىلىدۇ . بەزىدە ئەگەر يەنە جۈيخۇا گۈلى قوشۇپ ئىچەلىسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرنەرلىك بۇلىدۇ .

يۇقۇردا سۆزلەنگەن بۇ ئۇستاتلىقلار پەقەت ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ ، ھەرنىمە دىگەن بىلەن كىچىسى ئۇخلىماسلىق خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەل چىرايىنى ساقلىشىدىكى چوڭ پەرھىزدۇر؛ شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ تىرىسىنى تېخىمۇ ياخشى بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز ، يەنىلا كىچىدە ئۇخلىماسلىقتىن ئامال بار ساقلىنىشىڭىز لازىم بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ
ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى
كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن
ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى
سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر
گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号