ئادەم ھەركۈنى نازۇ نىمەتلەرنى ئىستىمال قىلسمۇ پۈتۈنلەي ساغلام بولۇپ كىتىشى، قىممەت يىمەكلىكنىڭ ئەڭ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن؛ تۆۋەندىكى كۆكتاتلار، ئۆزى ئەرزان، بىز ئادەتتە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيمىز، ئەمما بۇ كۆكتاتلار ئەجدادلىرىمىز تەرپىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە ۋە " جاننى قۇتقۇزۇشقا " پايدىلىق كۆكتاتلار دەپ تەرىپلەنگەن .

لامنارىيە ( خەيدەي) — قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ .
لامنارىيەنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، تەركىبىدىكى يۇد ماددىسى، يىرىك ئاقسىل، قەنت، كالتسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى قىچا ۋە پالەكنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ .

لامنارىيە تەركىبىدىكى قوڭۇر يۈسۈن ناترى كىسلاتاسى قان بېسىمنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئاق قان كىسىلى ۋە سۆڭەك ئاغرىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ لامنارىيە كىراخمالىنىڭ بولسا، قاندىكى ماينى ئازايتىش، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار .

سەۋزە، تۇخۇم — كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ
سەۋزە تەركىبىدە كاروتىن ماددىسى مول بۇلۇپ، كۆزى قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرلىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن، ئېغىزدىن ئىستىمال قىلىدىغان " كۆز دورىسى " ھىسابلىنىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە، كاروتىنغا ئوخشىشىپ قالىدىغان كىسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بۇلۇپ، كۆز قىسىمنىڭ قېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئاستىلىتىدۇ؛ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم يىيىشنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى كۈرنەرلىك ياخشىلىنىدىكەن، بۇلۇپمۇ سېرىقىنىڭ رەڭگى قېنىق بولغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى تېخىمۇ مول بۇلۇپ، كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلىدىكەن .

يازلىق بەسەي — قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش
يازلىق بەسەي يەنە شاڭخەي كۆكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ تەركىبىدە ناھايىتى مول بولغان كالى ئىلمىنتى بار بۇلۇپ ،مۇسكۇللارنىڭ ئۆسىشىگە ۋە قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردىمى بار . ئۇندىن باشقا يازلىق بەسەينىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىتامىنلىق ماددىلار كۆپ بۇلۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ؛ بەدەندىكى ئاق قان دانىچىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ، بەدەننىڭ باكتىرىيە ۋە زەھەرلىك ماددىلارغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ .

كاپۇستا (كاللەك بەسەي) — مىڭىنى قۇۋەتلەندۈرىدۇ
ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستىلىق يىمەكلىكلەرنىڭ مىڭىنى قۇۋەتلەيدىغانلىغىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە كاپۇستامۇ مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ . كاپۇستا، شىلەن گۈلى، چىچەكسەي قاتارلىق كىرىست گۈللۈك كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ئاتسېتىلخوتىننىڭ مىقدارى مول بۇلۇپ، مىڭىنى قۇۋەتلەپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ .

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى خىل كاپوستا تۈرىدىكى كۆكتات يەپ بەرسە، چوڭ مىڭە تۇنۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشنى %40ئازايتىدىكەن؛ ئادەتتە كاپوستىنى خام يىگەندە، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئومۇميۈزلۈك سۈمۈرلۈشكە پايدىسى بار .

پەمىدۇر — تىرىنى ئاسراپ قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ
كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، " ئاپتاپتىن ساقلىنىش " مەلھىمى سۈرۈش بىھاجەت ! پەمىدۇر تەركىبىدە تەبىئى بولغان ھەمدە ئاكتىپ ھالدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا — پەمىدۇر قىزىل ماددىسى مول بۇلۇپ، 16مىللىگىرام پەمىدۇر قىزىل ماددىسى ئاپتاپتىن كۈيۈپ قېلىش خەتىرىنى % 40تۆۋەنلىتەلەيدۇ .

قىزىل رەڭلىك پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە پەمىدۇر قىزىل ماددىسى ئەڭ مول بۇلۇپ ، قېرىپ كىتىشنىڭ ۋە ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ سېرىق رەڭدىكى پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە كاروتىن تەركىبى كۆپرەك بۇلۇپ ، تىرىنىڭ قۇرۇق ھەم يىرىك بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ
ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى
بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق
ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن
كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن
سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号