قايناقسۇغا تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ ئىچسىڭىز، جىگەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ !
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9923:ئادەم ئۆگەندى

    نۇرغۇن  كىشىلەر ھەمىشە  كىچىسى  سىمانا  قوشۇپ  ئىشلەيدۇ، ياكى  مىھماندارچىلىق  سورۇنلىرىدا  چوڭ يەپ چوڭ  ئىچىدۇ ، بۇ  ئەھۋاللارنىڭ  سالامەتلىككە  زىيانلىق  ئىكەنلىگىنى  ھەممىمىز  بىلىمىز،  ئۇنداقتا زادى  قايسى  ئەزايىمىزغا زىيان  يەتكۈزىدۇ ؟

    كىچىسى  ئۇخلىماي  باشقا  پائالىيەت  بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ  جىگەرگە  زىيىنى  ئەڭ  چوڭ؛ چۈنكى  جىگەر  ئادەم  بەدىنىدىكى  بىردىنبىر زەھەر  تازىلايدىغان ئەزا  بۇلۇپ،  ئادەتتە  بىز  ئىستىمال  قىلغان  يىمەكلىكلەر  تەركىبىدىكى  زەھەرلىك  ماددىلارنىڭ  ھەممىسىنى جىگەر ئېلىپ  قېلىپ،  ئۇنى  پارچىلاپ،  زەھەرسىزلەندۈرۈپ،  بەدەن  سىرتىغا  چىقىرىدۇ؛  كىچە ۋاقتى  بولسا ،  جىگەر " ئەڭ  ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان " ۋاقىت  بۇلۇپ،  بۇ  ۋاقىتتا بىز  ياخشى  دەم ئالماي،  يەنە  يەپ  ئىچىپ  يۈرسەك،  جىگەرنىڭ  بېسىمى  ھەددىدىن  زىيادە  ئېشىپ كىتىدۇ . شۇڭلاشقا  داۋاملىق  كىچىسى ئۇخلىمايدىغان دوستلار باشقىلارغا  قارىغاندا  جىگىرىنى تېخىمۇ  بەكرەك  ئاسرىشى كىرەك .

 

    ھەممىمىزگە  مەلۇملۇق،  سۇنى  كۆپ  ئىچىش  مىتابولىزىمنى تىزلىتىپ،  بەدەندىكى  كىرەكسىز  ماددىلارنىڭ سىرتقا  چىقىرۋىتىلىشىنى  تىزلىتىپ،  زھەرلىك  ماددىلارنىڭ جىگەرگە  بولغان  زىيىنىنى  ئازايتىدۇ . ئەمما سۇ  ئىچىشكىلا  تايىنىپ جىگەرنى  قوغدايمىز  دىسەك ئۈنۈمى  ئۇنچە ياخشى  بولمايدۇ ،شۇڭلاشقا قايناقسۇغا ئازراق " ماتىريال " قوشۇپ ئىچىشنى ئۈگىنىۋىلىشىمىز  كىرەك . بۇنداق  قىلىشنى  ئۇزۇن  مەزگىل  داۋاملاشتۇرسىڭىز، جىگەر تېخىمۇ  ساغلام  بۇلۇپ ،  بەدەندنكى  زەھەرلىك  ماددىلار  يوقايدۇ،  تىرىڭىز  ياخشىلىنىدۇ،  ئېغىزىڭىزدا  غەلىتى  پۇراقلارمۇ  بولمايدۇ .

چىلاننى  قايناقسۇغا  چىلاپ  ئىچىش

 

    چىلاننى  قايناقسۇغا  چىلاپ  ئىچكەندە،  جىگەرنى  ئاسرىغىلى  بۇلىدىغانلىغى يىڭىلىق  ئەمەس؛ تەجىربە  نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ،جىگەر  فونكىسىيىسى  ئاجىز  كىشىلەر چىلاننى  قايناقسۇغا  چىلاپ ئىچىشنى  بىر  ھەپتە  داۋاملاشتۇرسا، جىگەرنى  ئاسراپ،  جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش  ۋە زەھەرنى چىقىرىپ  تاشلاش  ئۈنۈمىنى  ئىلگىرى  سۈرىدىكەن . جۇڭگۇ  تىبابىتىدىمۇ چىلاننى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچسە،  قاننى  جانلاندۇرۇپ، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ،  جىگەرنى  ياخشىلاش  ئۈنۈمى  بار  دەپ قارايدۇ .

 قايناقسۇغا لىمون  چىلاپ ئىچىش

 

   لىموننىڭ ئەزەلدىن " جىگەرنى ياخشىلاپ ،زەھەر تازىلاش ۋە چىراينى ئاقارتىپ گۈزەل قىلىدىغان مىۋە "  دەپ  نامى  بار . ئەتىگەن  ئورنىڭىزدىن  تۇرغان  ۋاقىت،  لىمون  چىلانغان قايناقسۇ  ئىچىشنىڭ  ئەڭ  ياخشى  پەيتى  بۇلۇپ،  لىمون تەركىبىدىكى لىمون  كىسلاتاسى جىگەرنىڭ  ئۆت  سۇيۇقلۇغى ئىشلەپچىقىرىشىنى  ئىلگىرى  سۈرۈپ،  بەدەندىكى زەھەرلىك  ماددىلارنى  چىقىرىپ تاشلاش  ۋە  جىگەرنىڭ  بېسىمىنى  يىنىكلىتىشتە ياردەمچى  رول  ئوينايدۇ .

قايناقسۇغا جۈيخۇا گۈلى  قوشۇپ  ئىچىش

 

   جۈيخۇا  گۈلى گۈل  چاي  تىپىغا  تەۋە  بۇلۇپ،  ئۇنىڭ  بىلەن  چاي  دەملەپ  ئىچسەك،  تەمى  ئازراق قىرتاق  كىلىدۇ،  ئەمما  ئۇ  جىگەرنى  ياخشىلايدىغان چايلارنىڭ ۋەكىلى  ھىسابلىنىدۇ . جۈيخۇا  گۈلىنىڭ جىگەرنى  تازىلاپ كۆزنى  روشەنلەشتۈرۈش ۋە ئىسسىقنى  ھەيدەپ  قوقاقنى  ياندۇرۇش  رولى  بار . ئۇندىن  باشقا  جۈيخۇا گۈلى  تەركىبىدە ئاز مىقداردا سېلىن ماددىسى  بۇلۇپ،  بۇ  جىگەرنى  ياخشىلاپ ئەسلىگە  ئەكىلىشتە  كەم  بولسا  بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق  ماددىدۇر .

قايناقسۇغا قىزىل  گۈل چىلاپ ئىچىش

 

    قىزىل  گۈل  چېيىنىڭ  پۇرىقى  كۈچلۈك؛ قايناقسۇغا چىلانغاندىن  كىيىن  ئازراق  سۇس قىرتاق  تەمى  بۇلىدۇ؛ لىكىن  جىگەر ئادەتتە " قىرتاق " تەمنى  ناھايىتى ياقتۇرىدۇ . روھى بېسىم  ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن  كىلىپ  چىققان  تەشۋىشلىشىشنى ياخشىلاش ۋە جىگەر  تەبىئىتىنى تەڭشەشتە ، قىزىل  گۈل  چېيىنىڭ  ئۈنۈمى  ئەڭ  ياخشى؛ بىر كۈن  ئالدىراش بولغاندىن  كىيىن  قىزىل  گۈل چېيىنى ئىچسىڭىز، جىگەرنى  ياخشىلاپلا قالماي،  يەنە نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ، ھاردۇق  چىقىرىشقا  پايدىسى  بار .

 

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

 

 

 

 

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号