
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بەك كۆپ ئۇخلايدىغان ياكى بەك ئاز ئۇخلايدىغان كىشىلەردە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن، كۈندە يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدىغانلاردا بۇ خەۋپ ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن تىنى ساغلام كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تۆت خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن تۆت خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى ھەر بىر سائەت قىسقارغاندا ئۆلۈم خەۋپى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%6، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %7، مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %5 ئاشىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى ھەر بىر سائەت ئۇزارغاندا ئۆلۈم خەۋپى%13، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى%12، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %5، مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %18 كۆپىيىدىكەن.

«ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئۇيقۇ بىلەن يېمەك–ئىچمەك خۇددى ئاكتىپ چېنىقىشقا ئوخشاش بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، تەندىكى تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارلارنى تەڭشەيدىكەن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بەك كۆپ ئۇخلاش ياكى بەك ئاز ئۇخلاش يۈرەك ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولىدىكەن، شۇڭا كىشىلەردىن ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号