
گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە كىراخمال ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق ئادەتتىكى كۆكتاتلاردىن خېلىلا يۇقىرى. شۇڭا ئوزۇقلۇق ئىلمىدا گۈرۈچ ئادەتتە ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا سانىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە گۈرۈچ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق زىرائەت بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تال قۇۋۋەتلەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، سۈيدۈك ئاجرىتىشقا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ، ئاساسلىقى ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن قارىغاندا، گۈرۈچ تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، لىئۇلىتىن پىگمىنتى، زېئاكسانتىن، فوسفور، ماگنىي، كالىي، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بار.
قېرىلىق سېرىق دېغى بولسا كۆز قېرىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، ئېغىرلاشقاندا كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشچە، لىئۇلىتىن پىگمىنتى، زېئاكسانتىن قاتارلىقلار قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.
تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشچە، كۆپ مىقداردا لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن ئىستېمال قىلغاندا قېرىلىق دېغى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىكنى %43 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، دەرۋەقە گۈرۈچ تەركىبىدە بۇ ئىككى خىل ماددا ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ گۈرۈچ سېرىق ماددىسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول. شۇڭا گۈرۈچ كۆز قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇندىن سىرت گۈرۈچ تەركىبىدە يەنە كاروتىن، لىئۇتىن پىگمېنتى، گۈرۈچ سېرىق ماددىسى ۋە ياغدا ئېرىگۈچى ۋىتامىن قاتارلىقلار ئىنتايىن مول، شۇڭا بىز گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە ياغ قوشۇپ پىشۇرساق گۈرۈچتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号