مېۋە چېۋە ، كۆكتاتلارنىڭ رەڭگى ھەر خىل، تۈرىمۇ كۆپ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دائىم قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يېسە ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەن.

شوخلا:
كانادالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، شوخلىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رول ئوينايدىغان لېكوپىن بار بولۇپ، ئۇ مەزى بېزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كاروتىندىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپتىن ئىبارەت. لىكوپېن بولسا ياغدا ئېرىيدىغان بولغاچقا، شوخلىنى قورۇما قورۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
سەۋزە:
تەركىبىدە كاروتىن ۋە ۋىتامىنC،D،B1،B2، فولىن كىسلاتاسى، كالتسىي ۋە يېمەكلىك تالاسى قاتارلىقلار مول، ھەر كۈنى ئازراق سەۋزە شەربىتى ئىچسىڭىز، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قەۋزىيەتنى داۋالاپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆزنى ئاسرايدۇ، سەۋزە شەربىتى ئىچىش ئارقىلىق تاتلىق ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولغان ئىنتىلىشنى چەكلىگىلى بولىدۇ.
چىلان:
جوڭگۇ تېبابەتچىلىكىدە چىلان قۇۋۋەت دورىسى دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنى سىلىقلاش، يۆتەل توختىتىش، بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەش، بەدەن زەئىپلىشىشنى داۋالاش قاتارلىق خۇسۇسيىتى بار. ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ناچارلاشقاندا دائىم چىلان يېسە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، ھازىرقى زامان دورىگەرلىك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىنC مىقدارى جەھەتتە بارلىق مېۋە چېۋىلەرنىڭ چېمپىيونى دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا چىلان تەبىي ۋىتامىن كومىلىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
روھىي جەھەتتە جىددىيلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ياكى كىلماكتىرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن چاغدا، جوڭگۇ تېبابەتچىلىك رېتسېپىغا كۆپىنچە چىلان قوشۇلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا دائىم جىددىيلىشىدىغانلار چىلان يەپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
دولانا:
دولانا، قىزىل مىۋە، تاغ دولانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كاروتىن مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە فلاۋون تۈرىدىكى ماددا بار، ئۇ تاجىسىمان ئارتېرىيەنى كېڭەيتىش ۋە تىنچلاندۇرۇشتا بەك كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك پايدىلىق رولى بولسىمۇ، بىراق ھامىلىدار ئاياللار كۆپ يېسە بولمايدۇ.
قىزىل ئۈزۈم: ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، قىزىل ئۈزۈم يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. يېقىندا ئامېرىكىلىق ئالىملار ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشچە، ئۈزۈم پوستى ۋە ئۈزۈم ئۇرۇقىدا راكقا قارشى تۇرىدىغان بىر خىل تەبىئىي خىمىيىلىك ماددا بار ئىكەن، شۇڭا قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار دائىم قىزىل ئۈزۈم يەپ بەرسە بولىدۇ.

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号