
پۇت قولى قىزىيدىغان كىشىلەر:
بۇ خىل كىشىلەر مەنپىي زەئىپلىىشىش تىپىدىكى كىشىلەر بولۇپ، بەدەندىكى خىلىت يېتىشمەسلىكتىن بۇ خىل ئەھۋال پەيدا بولىدۇ، خام زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر زەنجىۋىلنى ئېستىمال قىلغاندا بەدەندىكى خىلىت ئاسانلا خوراپ، مەنپىيلىك زەئىپلىشىش ئېغىرلىشىپ، خىلىتنىڭ خورىشى تېخىمۇ تىزلىشىدۇ. يەنە ئاغزى قۇرۇش، كۆزى قۇرغاقلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
بېشى قايىدىغان، قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان كىشىلەر:
بۇ خىل كېسەللىك جىگەر ھارارىتى زىيادە ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكتىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەر ئەسلىدىنلا ئىسسىقچان كېلىدۇ . ئەگەر بۇنداق كىشىلەر زەنجىۋىلنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئوت ئۈستىگە ياغ سەپكەندەك ئىش بولىدۇ.
جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى:
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك، چۈنكى دائىم زەنجىۋىل ئىستېمال قىلغاندا، كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، خام زەنجىۋىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قۇرۇق ئىسسىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىزدۇر.
تىنىقى سېسىق پۇرايدىغان كىشىلەر:
جوڭگۇ تېبابىتىدە تىنىقى سېسىق پۇراش ئاشقازان ھارارىتىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. خام زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان ھارارىتى يۇقىرى كىشىلەر زەنجىۋىل ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازاننىڭ ھارارىتى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىپ، چىش ئاغرىش، باش ئاغرىش ۋە بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەت كىشىلەر:
قەۋزىيەت كۆپىنچە ئۈچەينىڭ ئىسسىقى بار كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، بۇلار ئەگەر زەنجىۋىلنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلسا، قەۋزىيەتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
يۆتەلگەندە سارغۇچ بەلغەم تۈكۈرىدىغان كىشىلەر:
يۆتەلگەندە، بەلغەم سېرىق كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ھارارىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇنداقلار زەنجىۋىل ئىستېمال قىلسا كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
دائىم چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر:
چاچ بىلەن بۆرەك زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ بۆرەك جەۋھىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۆرىكى ئاجىز كېلىدۇ. چېچى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەچكە ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ، خام زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، دائىم چېچى چۈشۈپ كېتىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا، بۆرەك ئاجىزلىقى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، چاچ چۈشۈشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو
لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد
يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر
يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم
قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号