ناۋات كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى مۇز پارچىسىغا ئوخشايدۇ. تۇرمۇشتا، شېكەر، ناۋات قاتارلىق يېمەكلىكلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ناۋات ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى، ناۋاتنى ئىستېمال قىلىش تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئاددىي بولۇپ، چاي دەملەپ ئىچسەكمۇ ياكى پۇرچاق شورپىسىغا قوشۇپ ئىچسەكمۇ بولىدۇ، ھەتتا بىۋاستە ئېغىزىمىزغا سېلىپلا يىسەكمۇ بولىدۇ.
ئادەتتە بىز كۆپ ئۇچرىتىدىغان ناۋاتلار، قانۇنىيەتسىز شەكىللىك كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ناۋات بىلەن شېكەرنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماتېرىيالى ئوخشاشلا شېكەر قۇمۇشى بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىستاكاندىكى سۇدا ئىرىتسەك، ئوخشاشلا تەم چىقىدۇ.
سىز بەلكىم بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ ئادەتتە، كۆپ خىل ناۋاتلارنىڭ ئارىسىدىن يىپ چىقىدۇ؛ بۇ نېمە ئۈچۈن، ئەجابا بۇ ناۋاتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىدىن دىرەك بىرەمدۇ؟ بۇ ئەھۋال، ناۋاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ناۋات تېخى قېتىپ شەكىلگە كىرمىگەن، سۇيۇقلۇق ۋاقتىدىلا، ئىچىگە يىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ناۋات سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىگە يىپ سېلىپ قويۇشتىكى مەقسەت، ناۋاتنىڭ قېتىشىغا بىر تىرەك ھاسىل قىلىپ بىرىش ئۈچۈن بولۇپ، ئەتراپتىكى تىمپىراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى ناۋات قېتىپ كىرىستالغا ئايلىنىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇلار بۇ يىپنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ قېتىپ كىرستال ھاسىل قىلىدۇ. ناۋات قېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى چېقىۋەتسەك، بىز بازاردا ئۇچرىتىدىغان ھەر خىل چوڭ-كىچىكلىكتىكى ناۋات پارچىلىرى ھاسىل بولىدۇ. بەزى سودىگەرلەر ئەستايىدىل بولۇپ، ناۋاتنى سېتىپ چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئارتۇق يىپلارنى ئېلىۋىتىدۇ؛ لېكىن بىپەرۋا كەلگەن بەزى دوكانچىلار، ناۋات ئارىسىدىن چىقىپ قالغان يىپ بىلەن چاتىغى بولمايدۇ.
لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، ناۋات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قوشۇلغا بۇ يىپلار، دىزىنفىكسىيەلەپ بىتەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، سۈپەت ۋە تازىلىق جەھەتتە خاتىرجەم بولساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ناۋات ئىشلەپچىقىرىشتا، بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىمۇ بار بولۇپ، باشقا خىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدا يىپ ئىشلىتىلمىگەچكە، باشقا ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ناۋاتلارنىڭ ئارىسىدا ئاق يىپ بولمايدۇ.
ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ناۋاتنىڭ تاتلىق قىلىشتىن باشقا يەنە بىر ئۈنۈمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: زۇكامداپ ھۆتىلىپ قالغان كىشىلەر، نەشپۈت ۋە ناۋات تەييارلاپ، نەشپۈتنى توغراپ، ئازراق ناۋات بىلەن قوشۇپ بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە
بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ
تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى
نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە ل
ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号