باھار پەسلى يىتىپ كەلدى، شامال كۆپ چىقىدىغان باھار پەسلىنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز، ئەمما بەزى دوستلارنىڭ تېرىسى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. بەزى دوستلارنىڭ تېرىسى، ئەتىياز پەسلى كىرسىلا قۇرغاقلىشىپ، نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بەزىبىر ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يۈز تىرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.

شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، يۈزىمىزگە تەرخەمەك چاپلاش ئارقىلىق، يۈز تىرىمىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. چۈنكى، يۈزىمىزگە تەرخەمەك چاپلاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ. ئەگەر سىز يۈزىگە تەرخەمەك چاپلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!

تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تەرخەمەك سۇ تەركىبى مول كۆكتاتلارنىڭ بىرى؛ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بىز تەرخەمەك بىلەن سالات تەييارلاشنى ياكى قورۇپ ياكى خام ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، تەرخەمەك ئەمەلىيەتتە، تېرە ئاسراشتىكىمۇ ئۈنۈملۈك قوراللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ تېرىسى قۇرغاق دوستلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ھەم شۇنداق. تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى مول، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭدىكى سۇ تەركىبلىرى يۆتكىلەلەيدۇ.
بىز تەرخەمەكنى توغراپ يۈزىمىزگە چاپلىغان ۋاقىتتا، تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى تەدرىجىي ھالدا يۈزىمىزگە يۆتكىلىپ، يۈز تېرىمىزگە نەملىك يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، تېرىسى قۇرغاق دوستلارنىڭ، دائىم يۈزىگە تەرخەمەك چاپلاپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۈنۈمىگە ئۆزىڭىزمۇ ھەيران قالىسىز.

تۈك تۆشۈكچىلىرىدىكى مەينەت ماددىلارنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ
يۈز قىسىمىمىزغا ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان چاڭ-توزانلار چاپلىشىدۇ، لېكىن بىز بۇنى ھېس قىلىپ يىتەلمەي، يۈزىمىزنى ناھايىتى پاكىزە ھېس قىلىمىز؛ چۈنكى، بىز كۈندە يۈزىمىزنى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم يۇيىمىز. شۇنداق، بىز كۈندە يۈزىمىزنى يۇغان ۋاقىتتا، يۈزىمىزنىڭ سىرتقى قىسىمدىكى بەزىبىر چوڭ زەررىچىلىك چاڭ-توزانلارنى تازىلاپ چىقىرىۋىتەلەيمىز. لېكىن، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بەزىبىر كىچىك زەررىچىلىك چاڭ-توزانلار بىزنىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرىمىزگە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرىمىزنى مەينەت قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر تۈك تۆشۈكچىلىرى مەينەت بولۇپ قالسا ياكى توسۇلۇپ قالسا، بىزنىڭ يۈز تېرىمىز سۇ تەركىبلىرىنى ياخشى سۈمۈرەلمەي، تەدرىجىي ھالدا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك سارغىيىپ نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز يۈزىمىزگە تەرخەمەك چاپلاپ بەرسەك بولىدۇ؛ چۈنكى، تەرخمەكنىڭ تەركىبىدە بىر خىل فاكتور بار بولۇپ، ئۇ بەزىبىر كىچىك زەررىچىلىك مەينەت ماددىلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ يېپىشتۇرالايدۇ.
شۇڭا، يۈزىمىزگە تەرخەمەك چاپلاپ بەرسەك، يۈزىمىزنىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرىدىكى مەينەت ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى ئەسلىگە ئەكىلىدۇ.

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە
بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ
تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى
نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە ل
ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号