تۇخۇم ئىستېمالى ھەققىدىكى خاتا قاراشلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14273:قېتىم كورۇلدى

تۇغۇتلۇق ئايال تۇخۇمنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى؟
   ئايال كىشى تۇغۇت جەريانىدا كۆپ ماغدۇرىنى سەرپ قىلىپ، ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا زور مىقداردا تۇخۇم ئىستېمال قىلساق، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، زور مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش، ئۈچە يولىدا زور مىقداردا ئاممىياك، گىدروكسىل، فىنول قاتارلىق خېمىيلىك ماددىلارنى ھادىل قىلىپ، ئادەمدە ئاسانلا قورساق ئىسىلىش، باش قېيىپ كۆز تورلىشىش، پۇت قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، ھوشىدىن كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، تۇغۇتلۇق ئايال كۈندە ئۈچ تۇخۇم يىسە يېتەرلىك بولىدۇ.
تۇخۇمنى كۆپ يىسە بەدەندىكى خولستىرىن مىقدارىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ؟
   ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ناھايىتى مول بولغان لىتسىتىن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا خولىستىرىن ۋە ياغ زەررىچىلىرىنى تېخىمۇ كىچىك ھەم ئىنچىكە قىلىپ، قان تومۇرلار دىۋارىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولستىرىننى ئازلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇم سېرىقى ئىچىدىكى لىتسىتىن كىسلاتاسى ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن خولىن ماددىسى قويۇپ بىرىدۇ ھەمدە قان سۇيۇقلۇقىغا ئۆتۈپ ئاتسىتىل خولىن شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاتسىتىل خولىن بولسا، نىرىپ يەتكۈزگۈچى ئاساسلىق ماددا بولۇپ، مېڭە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
تۇخۇمنى خام ئىچسە ئۇزۇقلۇقى تېخىمۇ مول؟
   تۇخۇمنى خام ئىستېمال قىلساق، ئاسانلا ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئۇزۇقلۇقمۇ بەدەنگە ئاسانلىقچە سۈمۈرۈلمەيدۇ. خام تۇخۇم تەركىبىدە ئانتىبىئوتىن ئاقسىلى بار بولۇپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى بىئوتىننىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، خام تۇخۇم تەركىبىدە يەنە، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ماددىلارمۇ بار.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号